|

تۇرپان ۋىلايىتى
رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى : تۇرپان ۋىلايىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە ، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان . شەرقى قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن ، غەربى ۋە جەنۇبى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ، غەربى شىمال ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ، شىمالى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ . تۇرپان ۋىلايىتىگە تۇرپان شەھىرى ، پىچان ناھىيىسى ۋە توقسۇن ناھىيىسى قارايدۇ ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرپان شەھىرىدە . 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 571مىڭ 700بولۇپ ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان . تەبىئىي بايلىقى: تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ شىمالى ئېگىز ، جەنۇبىي پەس بولۇپ ، شىمالىي قىسمى ھەيۋەتلىك بوغدا تېغى ، ئوتتۇرا قىسمى قاپساللىق ئويمان –تۇرپان بوستانلىق ئويمانلىقى ، جەنۇبىي قىسمى مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ تۆۋەن جاي –ئايدىڭكۆل . يالقۇنتاغ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتكەن . سۇ بايلىقىدىن داخېيەن دەرياسى ، قارايۈزى دەرياسى قاتارلىقلار بار . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۇز ،كۆمۈر ، نېفىت ، ھاك تاش ، تەبىئىي گاز ، ئالتۇن ، گلاۋبېر تۇزى ، گرانىت ،ئالبىت ، يىلان قاسىرىقى تاش ، بېنتونىت قاتارلىقلار بار . ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز ، بۆكەن ، ياۋا تۆگە، قوڭۇر ئېيىق ، ئارقار ، ئۇلار قاتارلىقلار بار .ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن كىرەش ، چۈچۈكبۇيا ، يانتاق شېكىرى ، زاراڭزا ، سوغىگۈل ،ئالقات ، تاغ لەيلىسى قاتارلىق 300دىن ئارتۇق تۈرى بار . تۇرپان ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلباغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا تەۋە بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃13.4، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 17.3 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2741.9 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 262 كۈن. ئىگىلىك ئىقتىسادى : تۇرپان ۋىلايىتى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ ، ئاشلىق زىرائەتلىرى بۇغداي ۋە قوناقنى ئاساس قىلغان ، ئىقتىسادى زىرائەتلىرىدىن كېۋەز ،ئۈزۈم ، خاسىڭ ، مېۋە–چېۋە ، ياغلىق دان ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار . سانائىتى نېفىت ، نېفىت–خىمىيە سانائىتى ، قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاش ۋە ئۈزۈم پىششىقلاش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ھەمدە توقۇمىچىلىق ، ماشىنىسازلىق ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە كۆن–خۇرۇم قاتارلىق سانائەتلەرمۇ بار . تۇرپان مەملىكەت بويىچە داڭلىق ‹‹ئۈزۈم ، قوغۇن ۋە ئۇزۇن تالالىق پاختا ››ماكانى ، شۇنداقلا تۇرپان –قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايونى .پىچان ناھىيىسى شىنجاڭدىكى داڭلىق ئۈزۈم ھارىقى –روران شېكەرسىز قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ، شېكەرسىز ئاق ئۈزۈم ھارىقى ۋە‹‹يىپەك يولىدىكى گۆھەر ››ماركىلىق شاكىلاتلىق قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق تەبىئىي ساپ يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ، بۇ بىر قاتار ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىتتىك . قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: تۇرپان ۋىلايىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول ، لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ جايدا كېسىشىدۇ، تۇرپان–ئۈرۈمچى–داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولى، دۆلەت يولى 312–لىنيىسى ،دۆلەت يولى 314–لىنيىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يېرىگىچە تۇتىشىدۇ . تۇرپان رايونى ئېلىمىز يىپەك يولى مەدەنىيىتى يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول بولغان رايون ، ئۇ جايدا 2مىڭ يىلدىن ئارتۇق بوران–چاپقۇنلۇق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، يەنىلا ئوبدان ساقلانغان يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ، نۇرغۇن قېتىم تالان–تاراج قىلىنىپمۇ ، يەنىلا نەپىس ساقلىنىپ تۇرغان بېزەكلىك مىڭئۆي تام رەسىملىرى ، مىڭ يىللىق ساقلانغان قەدىمىي جەسەتلەر ۋە قىممەتلىك يادىكارلىقلارغا ئىگە ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغان ، ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىنىپ پەلەككە تاقاشقان ئىسلام ئىمارىتى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىقلار بار ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېھرىي تۈس ئالغان يالقۇنتاغ ،يېشىللىق بىلەن قاپلانغان ، مولچىلىققا تولغان بۇيلۇق ، چول–باياۋاندا يىل بويى سۈزۈك بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان كارىز سەيلىگاھى ، گۈزەل مەنزىرىلىك قۇملۇق ئۆسۈملۈك باغچىسى ، قۇملۇق باغچىسى ۋە دۇنيا بويىچە 2–ئويمان جاي ئايدىڭكۆل بار .رەڭگارەڭ ، مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
|