|

ئۈرۈمچى شەھىرى
رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى : ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹گۈزەل يايلاق ››دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، دۇنيا بويىچە دېڭىز –ئوكياندىن ئەڭ يىراق شەھەر ھېسابلىنىدۇ . شەرقىي جەنۇبى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن ، جەنۇبى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ، غەربى ۋە شىمالى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ۋۇجياچۈ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ . ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى مەركىزى بولۇپ ، ئاپتونوم رايوننى سىياسىي ، ئىقتىساد مەركىزى . قارمىقىدا تىيانشان رايونى ، سايباغ رايونى ، يېڭى شەھەر رايونى ، شىمىگۇ رايونى تۇدۇڭخابا رايونى ، دۇڭسەن رايونى ،داۋانچىڭ رايونى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بار ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىمىگۇ رايونىدا ، 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1مىليون 815مىڭ 300بولۇپ ، ئاساسلىقى خەنزۇ ،ئۇيغۇر ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان . تەبىئىي بايلىقى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي ، غەربىي ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ ، شىمالىي قىسمى كەڭ كەتكەن ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى . سۇ بايلىقىدىن ئۈرۈمچى دەرياسى ، تۇدۇڭخابا دەرياسى ، بەيياڭخې دەرياسى ، سايئوپا كۆلى قاتارلىقلار بار . ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۇز، كۆمۈر، گلاۋبېر تۇزى، نېفىت، تۆمۈر، مانگان، فوسفور، گەج، نېفىتلىق سلانېتىس، مىس قاتارلىقلار بار . بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ ،‹‹كۆمۈرلۈك ئۇستىدىكى شەھەر ››دېگەن نامى بار .ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز ، تاغ ئۆچكىسى ، ئارقار ، قارا لەيلەك ، چوڭ دوغداق،قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار .ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن تاغ لەيلىسى ، سوغىگۈل ، قانتېپەر ، چاكاندا ،چۈچۈكبۇيا ، زاراڭزا قاتارلىقلار بار . ئۈرۈمچى شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يېرىم قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ،يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃7.0، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 271.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2164.2 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 168كۈن . ئىگىلىك ئىقتىسادى : ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۇنىۋېرسال سانائەت شەھىرى ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم سودا شەھىرى . ئۇنىڭدا نېفىت –خىمىيە سانائىتى ، پولات–تۆمۈر ، مېتاللۇرگىيە ،كۆمۈر ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ، ماشىنا –ئېلېكتر ، ئاساسىي خىمىيە سانائىتى ، پاختا–يۇڭ توقۇمىچىلىق ، يېمەكلىك پىششىقلاش ، قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان ، تۈرى بىر قەدەر تولۇق زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن . ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى تىپىك شەھەر ئەتراپى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ ، ‹‹كۆكتات –مېۋە ، سۈت–ئۆي قۇشلىرى ،گۆش–سۇ مەھسۇلاتلىرى››قاتارلىق ئۇچ چوڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلەر سانائىتى شەكىللەنگەن . قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى : ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى ۋە شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى، ئۈرۈمچى ئايرودرومى مەملىكەت بويىچە بەش چوڭ ئايرودرومنىڭ بىرى . ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق گۇرۇپپىلاش ئىستانسىسى . شەھەر رايونىدىكى يوللار تەرەپ–تەرەپكە تۇتاشقان ، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى ، تاشقى ئايلانما يول ، تۇرپان –ئۈرۈمچى –داخۇاڭشەن ، ئۈرۈمچى–كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىقلار ئۆز–ئارا تۇتاشقان بولۇپ ،شەرقتىن ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىلەن ، غەربتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدىغان زامانىۋى ستېرېئولۇق ‹‹يىپەك يولى››نى شەكىللەندۈرگەن .ئۈرۈمچىدە ھەيۋەتلىك گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە باي ئانتروپولوگىيلىك مەنزىرىلەر ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولغان داۋانچىڭ ، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايئوپا كۆلى ، تۇز كۆل، قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە دۆڭكۆۋرۈك ،‹‹مۇزلۇقتىكى تىرىك قاتما ››دەپ نام ئالغان 1–نومۇرلۇق مۇزلۇق ، گۈزەل مەنزىرىلىك نەنسەن داڭلىق ساياھەت رايونى ، جۈخۇاتەي ، بەيياڭگۇ ،نۇرغۇن بىباھا گۆھەر ساقلانغان ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ، گېئو مۇزېي ، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان جاي ، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزىلتاغ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىمۋولى ، ئۇنىڭغا چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلىسىڭىز ،زامانىۋى داڭلىق شەھەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
|