|

تۆمۈرچى ئۇستام دۇلىنى ئالدىدا پىچاق چاقلىماقتا
قەشقەر— ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى . قەشقەر ئەزەلدىن تارتىپلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بېرىشقا ئىنتىلىدىغان داڭلىق ساياھەت رايونى بولۇپ ، كىشلەر ئارىسىدا‹‹ قەشقەرگە بارمىغانلىق ، شىنجاڭغا بارمىغانلىق››دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تارقالغان . قەشقەردە بىر قول ھۈنەرۋەنلەر كوچىسى بار بولۇپ ، بۇ كوچا قەشقەر شەھىرىدىكى ئوستەڭبويى كوچىسى بىلەن ئوردا باغ كوچىسىغا جايلاشقان . بۇ نەچچە يۈز مېتىر ئوزۇنلۇقتىكى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە نۇرغۇنلىغان قول ھۈنەرۋەن ئۇستىلار دۇكان ئاچقان بولۇپ ، ھەر خىل نەپىس قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ . بۇ يەردىن قولدا ياسالغان قاچىلار ، ياغاچ ئۆي جاھازىلىرى ، توقۇمچىلىق ، پىچاق ، دوپپا ، كىيىم – كېچەك ، چالغۇ ئەسۋاب قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ . قول ھۈنەرۋەنچىلىك كوچىسىدىكى بۇيۇملاردا قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇ يەردىن قەشقەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي قىياپىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

قازان ياساش

قولدا ياسالغان مىس بۇيۇملار

بۇ بوۋاي قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىماقتا
|