|
ھاجىگۈل سېتىۋالدى
ئاتۇش شەھىرىدىكى مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەر كۆرگەزمىخانىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن 2002 – يىلى ئەسلىدىكى مىللەتلەر ئۆرپ – ئادىتى كۆرگەزمىخانىسىنى كېڭەيتىش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 260 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
كۆرگەزمىخانا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ جەنۇبىي كۆرگەزمە زالىدا بولۇپ، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە. ئىشىكتىن كىرگەنلا يەردە قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي خاسلىققا ئىگە ياغاچ – كىگىز قۇرۇلمىلىق كىگىز ئۆيى، ئۆي ئىچىگە يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قويۇلغان يوتقان – كۆرپە، ياستۇقلار، ھەر خىل گۈل نۇسخىلار چۈشۈرۈپ تىكىلگەن ئۆي جابدۇقلىرى، ئۆي ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئوچاق، قازان، يان تەرەپكە قويۇلغان ئاپتۇۋا، چىلاپچا، ئاياقدان (چىنە، قاچىلارنى تىزىپ ئېسىپ قويىدىغان بۇيۇم)، قامچا قاتارلىقلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ كۆرۈنۈش كىشىنى خۇددى پايانسىز يايلاقتىكى قىرغىز ئائىلىسىگە بارغاندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ.
كۆرگەزمىخانىنىڭ ئىچىدىكى چاققان سۇپىغا كىچىكلىتىلگەن ئات مودېلى، ئات ئىگىرى، ئوقيا، ئوقدان، ئوۋ مىلتىقى، كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان دورا قاپچۇقى، بۈركۈت قوندۇرىدىغان پەلەي، خۇرۇمدىن نەقىش چىقىرىپ تىكىلگەن (قىمىز ئېچىتىدىغان) چاناچ ۋە پىچاقلار رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قىرغىز خەلقىنىڭ چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مودېل – ھەيكەللەرگە كىيگۈزۈپ قويۇلغان ھەر خىل ياشقا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك مۇراسىم كىيىملىرى، ئەرلەر، ئاياللار، بالىلارنىڭ باش كىيىملىرى ۋە ئۇلارغا كەشتىلەنگەن نەپىس گۈل نۇسخىلار قىرغىزلارنىڭ مىللىي كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلسا، يان تەرەپتىكى يەنە بىر سۇپىغا ۋە تامغا تارتىلغان قىرغىزلارنىڭ بېزەكچىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھەر خىل تەبىئەت مەنزىرىلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن تۇشتۇق، شىرداق، پالاسلار، چاي خالتىسى، تاماكا خالتىسى قاتارلىق بۇيۇملار قىرغىز ئاياللىرىنىڭ يىڭنە ئىشىغا ماھىرلىقىنى نامايان قىلىدۇ. يەنە بىر تامغا قىرغىز ئاياللىرىنىڭ ھەر خىل مۇراسىملاردا تاقايدىغان نەپىس چاچ ئاسقۇ، بويۇن ئاسقۇ، بىلەزۈك، ئۈزۈك، ئەرلەرنىڭ بەلباغلىرى، تۈگمە قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىبۇ زىننەتلەر ئېسىپ قويۇلغان. زالغا يەنە قىرغىزلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان چالغۇلىرىدىن قىرىق قىياق، قىياق، قومۇز، ئېغىز قومۇز، باس قومۇز، شاقشاق قاتارلىقلار تىزىلغان. كۆرگەزمىخانىدا يەنە قىرغىزلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ––– ماناسنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تاشتۇق، ئۇنىڭ يېنىغا 18 توملۇق ‹‹ماناس›› داستانى قويۇلغان.
كۆرگەزمىخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىلسۇ تەۋەسىدىن تېپىلغان، ياغاچتىن ياسالغان يۇمىلاق ۋە ئۇزۇنچاق تەڭنە، ھېجىر، ئاياق، چۆمۈچ، قوشۇق، جام قاتارلىق بۇيۇملار قويۇلغان بولۇپ، بۇلار كىشىگە بىر خىل ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. بۇ زالغا تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق ھەر خىل بۇيۇم تىزىلغان بولۇپ، بەش بۆلەككە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ بۇيۇملار قىرغىزلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىر بۇ كۆرگەزمىخانا قىزىلسۇغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئەڭ ئاۋال قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان مۇھىم جايغا ئايلاندى.
|