|

تېرە ئەيلەشكە ئىشلىتىلىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر تېنىدە ئەيلەش ماددىسى مول بولغان ئۆسۈملۈكلەردۇر . ئەيلەش ماددىسى ئۆسۈملۈك تاننىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بۇ بىر خىل پولىبازىك فېنولنىڭ تۇغۇندى ماددىسى . ئادەتتە قوۋزاق ، ياغاچ ، مېۋە-چېۋە شۆپۈكى ، يىلتىز پوستى ۋە يوپۇرماقتا بولىدۇ . تېرە ئەيلەشنىڭ بىر خىل خىمىيىۋى سانائەت خام ئەشياسى . شىنجاڭدا تېرە ئەيلەشكە ئىشلىتىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بىر قەدەر مول بولۇپ ، ئاساسەن بال قارىغاي ، قارلىق چوققا شەمشادى ، بەش ئاتىلىقلىق سۆگەت ، ئۈچ ئاتىلىقلىق سۆگەت ، پاكار تال ، ئىلانسىمان قامچا ئوت ، ئات قۇلاق ، پۈرمە يوپۇرماقلىق ئات قۇلاق ، باتيەن ئات قۇلىقى ، تەڭرىتاغ ئات قۇلىقى ، غاز ئوتى ، سۇ بۆلجۈرگىنى ، مامۇقسىمان غاز تاپان ، ئەبجەس ، توشقان ئوتى ، ئېگىز تاغ توشقان ئوتى ، ئېگىز تاغ تۈگۈنەك يىلتىزلىق قاقىرا تۇمشۇقى ، سىبىرىيە قاقىرا تۇمشۇقى ، يالمانقۇلاق ، چاي ئوت ، ئېيىق ئۈزۈمى ، بەھمەن قاتارلىقلار بار . بۇلار ئاساسەن تەڭرىتېغى، ئالتاي تېغىغا تارقالغان ، باشقا يەرلەردىمۇ بار .نۆۋەتتە ، بەزى مەملىكەتلەر تېرە ئەيلەشكە ئىشلىتىلىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ ، خام ئەشيا بازسىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا .
|