|

ياۋايى تالالىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈملۈك تېنىدە زور مىقداردا تالا توقۇلمىلىرى بار ئۆسۈملۈكلەردۇر . بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر شىنجاڭدا بىر قەدەر مول ، بولۇپمۇ قومۇش ، چىغ ۋە ياۋا كەندىرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . ياۋايى تالالىق ئۆسۈملۈكلەر ئومۇمەن قەغەزچىلىك سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ ، مەسىلەن : قومۇش ، چىغ ، چوڭ گۈللۈك كەندىر ، قۇلماق ، تار يوپۇرماقلىق قارىغان ، قېرىقىز ، سېرىق گۈللۈك ئەمەن ، تار يوپۇرماقلىق يېكەن ، كەڭ يوپۇرماقلىق يېكەن ، تەڭگە باش ، نىجىم ، بىيدايىق ، ئارپىغان ، ئايراۋۇق ، چوڭ يوپۇرماقلىق دېيېئۇكىىيە ئوتى ، ئىتقوناق ، ئاق ئوت ، پايزا ، چىغىرتماق ( پىچان) قاتارلىقلار . بۇلار يەنە ئۆرۈش ، توقۇش ، كۇلا - ئارقان ئېتىش ، سۈنئىي تالالىق پەنەركە ياساش ، رەخت توقۇمىچىلىقى قاتارلىقلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ ، مەسىلەن : قارىياغاچ ، كەندىر ، خەنجەرسىمان يوپۇرماقلىق قارىغان ، چۈچۈكبۇيا ، يۇلغۇن ، چىڭگىلىك ، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىقلار .
|