|
ھەبىبۇللا ئىلىياس
ئېلىمىز دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر زاپىسى 114 مىليارد 500 مىليون توننا بولۇپ ، ئوخشاش نىسبەتتە ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ، ھازىرغىچە ئېنىقلانغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مىقدارى ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ %17ىگە توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان توك كۈچىنىڭ %70ى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشتىن ھاسىل بولىدۇ، 2050 – يىلىغا بارغاندىمۇ ئېلىمىزنىڭ كۆمۈرنى بىرلەمچى يېقىلغۇ قىلىش نىسبىتى يەنىلا %50 ئەتراپىدا بولىدۇ. تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ ، كۆمۈرنىڭ ئىشلىتىلىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش ئىستىقباللىق بۆسۈشتۇر.
1913 – يىلى گېرمانىيىلىك ئىككى خىمىيە ئالىمى كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى كەشپ قىلىپ، كۆمۈرنى خام ئەشيا قىلىپ بېنزىن، دىزېلىن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى چەككىلىگەن. كېيىنكىلەرنىڭ تېخنىكىنى 100 يىلغا يېقىن ئۆزگەرتىشى، تولۇقلىشى نەتىجىسىدە، بۇ تېخنىكا ھازىر گېرمانىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئوخشاشمىغان پىششىقلاپ ئىشلەش لىنىيىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇش، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇشتا كۆمۈر يۇقىرى ھارارەت ۋە يۇقىرى بېسىمدا ھىدروگېن قوشۇلۇپ پارچىلانغاندىن كېيىن نېفىت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ ئادەتتە بىر توننا سۇسىز، ساپ كۆمۈر يېرىم توننىدىن كۆپرەك سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ، .5 2 —.8 2 توننىغىچە بولغان ھىدروگېن گازى كۆمۈرىدىن بىرتوننا تەييار نېفىت ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت ئىنچىكە پىششىقلانغاندىن كېيىن، پاكىز، سۈپەتلىك بېنزىن، دىزېلىن ۋە ئاۋىئاتسىيە يېقىلغۇسى قاتارلىقلار ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭدا كۆمۈرنىڭ تۈرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرىراق.
ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇشتا كۆمۈر پۈتۈنلەي سىنتېتىك گازلاشتۇرۇلۇپ، كاربون ۋە ھىدروگېن گازلىق كۆمۈر بىلەن سىنتېتىك گاز خام ئەشيا قىلىنىپ، بەلگىلىك ھارارەت ۋە بېسىمدا كۆمۈر نېفىت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئادەتتە بەش توننىدىن يەتتە توننىغىچە كۆمۈردىن بىر توننا تەييار نېفىت ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.
كۆمۈرنى ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ساسۇر شىركىتى قوللىنىۋاتقان فىسچىرتروپس سىنتېزلاش (Fischer–Trosch synthesis) ئۇسۇلى بولۇپ، 1955 – يىلى ساسۇر شىركىتى كۆمۈردىن نېفىت ئېلىشتا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 50 يىلدىن بۇيان بۇ شىركەت كۆمۈردىن 1 مىليارد 500 مىليون تۇڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان يېقىلغۇ ئىشلەپ چىقىرىپ، دۇنيا بويىچە كۆمۈرنى كەڭ كۆلەمدە سۇيۇقلاندۇرالايدىغان بىردىنبىر شىركەتكە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر، نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىمۇ ساسۇر شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. يېقىندا ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، سەنشى بىلەن نىڭشياغا 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش بازىسى قۇرۇشنى بېكىتتى.
دېمەك، دۇنيادا نېفىت زاپىسى بارغانسېرى ئازلاۋاتقان، نېفىتكە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا كۆمۈردىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان يېقىلغۇ ئىشلەش چوقۇم يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.
|