باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>سۈرەت كۆزنىكى>>سۈرەتتىكى شىنجاڭ
قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ كەشتىچىلىكى
2008- 05- 28 16:13 تەڭرىتاغ تورى

      ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەشتىگە ماھىر دېگەن نامى بار ، قۇمۇل ئاياللىرى بۇنىڭ ھەقىقىي تىپىك ۋەكىلى بولالايدۇ. ئۇلار تەبىئەتتىكى گۈل–گىياھ ، تاغ سۇلىرى دېگەندەك تەبىئىي مەنزىرلەرنى ئۆزىنىڭ گۈزەللىك قارشىنىڭ سىمۋولى قىلىپ ، ئۇنى ئۆز ئەقىل –ئىدراكى بىلەن يۇغۇرۇپ ، بىر گۈزەل مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ دە ، كۈمۈش يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئەپچللىك بىلەن  دوپپا ، كىيىم–كېچەكلەرنىڭ ياقىسى ۋە يەڭلىرىگە ۋە ياكى ياستۇق چۆرىلىرىگە ، كورپە چۆرىلىرىگە ، ياپقۇچلارغا كەشتىلەپ ، گۇزەل بىر مەنزىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلالايدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەلىب گۈزەللىكى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇنداقلا ئوزىنىڭ تەبىئەتكە ۋە تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر مېھر– مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ . 

      قۇمۇل كەشتىچىلىگى جانلىق تەبىئەت مەنزىرلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپلا قالماستىن ،قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ، شۇ مىللەتنىڭ گۈزەللىك پسخىكىسىنىمۇ يارقىن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

    قۇمۇل ياستۇقى— ئىككى بېشى تۆت بۈرجەك شەكىلدە بولۇپ ، ھەرخىل رەڭلىك يىپەك يىپلار بىلەن گۈل كەشتىلىنىدۇ. ئادەتتە رەتلىك قىلىپ ، كاڭ ئىشكابىنىڭ ئۈستىگە تىزىلىپ ، ئۈستىگە يوتقان ، كۆرپە يىغىلىدۇ .

ۇمۇل دوپپىسى ، ياش ، جىنىس ، مىجەز ، رەڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئامىللار يۇغۇرۇلغان ئاساستا تىكىلىدۇ   

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ