باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
يەم –خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر
2008- 05- 28 15:21 تەڭرىتاغ تورى

     شىنجاڭدا يەم – خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك مەنبەسى مول بولۇپ ، ئوتلاق تۈرى مۇرەككەپ ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۇرۇپپىلىرىمۇ كۆپ خىل . بۇنىڭ ئىچىدە يەم–خەشەك قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرى كۆپ بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ داڭلىق ئوت–چۆپلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېپىلىدۇ .

     1. شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئوت–چۆپلەرنىڭ ياۋا ئۆسىدىغان يېقىن تۇغقانلىرىدىن تېرىپ ئۆستۈرۈۋاتقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئۈچ خىل ،  31 ئۇرۇقداش ، 330 دىن ئوشۇق تۈر بولۇپ ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ئەلا سۈپەتلىك ئوت – چۆپلەر .

     1) پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ياۋايى تۇغقانلىرىدىن : 1. بېدە ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا 10 تۈرى بار ، تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىرلا تۈر ، يەنى سۆسۈن گۈللۈك بېدە ، يەنە بىر خىل سېرىق گۈللۈك بېدە ھازىر تېرىپ ئۆستۈرۈلۈشكە كۆندۈرۈلۈۋاتىدۇ . 2. قاشقابېدە ئۇرۇقدىشى :شىنجاڭدىن بۇنىڭ تۆت تۈرى چىقىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى ئىككى تۈر . 3. ئۈچ قۇلاق ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى يەتتە تۈر ( بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ياۋا تۈر ) ، ياۋايى ئۆسىدىغىنى ئۈچ تۈر . 4.ئايلانما يوپۇرماقلىق ياۋا پۇرچاق ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىر تۈر ، ياۋايى ئۆسىدىغىنى ئىككى تۈر5. نوقۇت ئۇرۇقدىشى : تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىر تۈر ، ياۋايى ئۆسىدىغىنى ئۈچ تۈر . 6. ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى : تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى ئۈچ تۈر ، بۇنىڭغا تۇغقان كېلىدىغان 16 تۈر بار . 7. خۇش پۇراق ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى : تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقىنى بىر تۈر ، ياۋايى ئۆسۈۋاتقان تۇغقانلىرى سەككىز تۈر . 8. كەتىرا ئۇرۇقدىشى : شىنجاڭدا ھەرخىل ھاياتلىق مۇھىتىغا تارقالغان تەخمىنەن 140 تۈرى بار .

     2) تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان باشاقلىق ئوت – چۆپلەر بىلەن يېقىن تۇغقانچىلىقى بار ياۋا ئۆسۈملۈكلەر : بۇلار شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ئوتلاقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ يۇمران قىسمىدا قەنت ماددىسى بىر قەدەر كۆپ ، چېچەكلەشتىن بۇرۇن تەركىبىدە خېلى يۇقىرى مىقداردا يىرىك ئاقسىل بولىدۇ ، شىنجاڭدا ئۇلارنىڭ مۇھىم يەم–خەشەكلىك قىممىتى بار ، مەسىلەن : تىپچاق ئۇرۇقدىشى (16 ئائىلە ، 10 كەنجى تۈر ) ، ياۋا ئىمپېراتا قومۇشى ئۇرۇقدىشى ( بىر تۈر ) ، قوڭۇر باش ئۇرۇقدىشى (20 تۈر ) ، مەستەك ئۇرۇقدىشى ، ئارپىغان ئۇرۇقدىشى ( ئالتە تۈر ) ، زەۋرەك ئۇرۇقدىشى ( ئىككى تۈر ) ، توشقان قۇيرۇق ئۇرۇقدىشى ( تۆت تۈر ) ، سىپىل ئۇرۇقدىشى ( ئالتە تۈر ) قاتارلىقلار .

   3) ئاق لويلا ئائىلىسىدىكى تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئوت – چۆپلەر بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ياۋا ئۆسۈملۈكلەر : بۇنىڭ كۆپىنچىسى قۇرغاقچىلىق ۋە زىيادە قۇرغاقچىلىق شارائىتتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەردۇر ، بەزى تۈرلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كۈل تەركىبى مول بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ چۆللۈك ئوتلاقلىرىنىڭ ئاساسىي ئوت – چۆپى ھېسابلىنىدۇ ، مەسىلەن : تەسكەن ئۇرۇقدىشى ، ساھىل لويلىسى ئۇرۇقدىشى ، ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقدىشى ، قارا ماناپ ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلار .2. شىنجاڭدىكى يەم – خەشەك قىلىنىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسىي تارقالغىنى باشاقلىقلار ئائىلىسى ، قىياق ئائىلىسى ، گۈلسامساق ئائىلىسى ، پۇرچاق ئائىلىسى ، چىغىرتماق ئائىلىسى ، قامچا ئوت ئائىلىسى ، ئاق لويلا ئائىلىسى ، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى ، ئەتىرگۈل ئائىلىسى ، مۇرەككەپ گۈللەر ئائىلىسى قاتارلىقلارغا كىرىدۇ .

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ