|
ھەر يىلى 5 – ئايدا ، نەچچە ئون مىڭ مو يەردىكى قىزىل گۈللەر ئېچىلىپ ، خوتەن دىيارىنى خۇشپۇراق قىزىلگۈل ھىدى قاپلايدۇ . خوتەن قىزىلگۈلىنىڭ سۈپىتى ياخشى ، تېرىلىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ، خوتەن قىزىل گۈل ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى . قىزىلگۈل گۈلقەنتى ئۇيغۇرلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلدىغان ئەنئەنىۋى ساغلاملىق يېمەكلىكى ، كىشلەر يەنە قىزىلگۈلنى چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ . يېقىندىن بۇيان خوتەن ۋىلايىتى قىزىلگۈلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇنىڭدىن قىزىلگۈل گۈلقەنتى ، قىزىلگۈل چېيى قاتارلىق بىر يۈرۈش قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ بازارغا سالدى، بۇ مەھسۇلاتلار ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.







|