باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
يەرلىك ئالاھىدە مېۋە ئۈجمە ۋە ئۈجمە دەرىخى
2008- 05- 09 13:08 شىنجاڭ گېزىتى

    

     خەلقىمىز ئۈجمە دەرىخىنى ساخاۋەت دەرىخى، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ساۋابلىق ئۈچۈن ھەر يىلى ئۈجمە دەرىخى تىكىش، ئۈجمە دەرىخىنى ئىختىيارىي ھالدا پۈتۈن خەلق مۇھاپىزەت قىلىش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز ئولتۇراقلاشقان يېزا، كەنتلەرنىڭ ھويلا – ئارام، ئىشىك ئالدى، باغۋارانلىرىغا، ئېتىز قىرلىرىغا، يول بويى، ئېرىق – ئۆستەڭ ئەتراپى ۋە باشقا مۇۋاپىق يەرلەرگە خالىس ئۈجمە دەرىخى تىكىلىدۇ.

      ھەر يىلى ئۈجمە مەي باغلاپ پىشقاندا، ھەرقايسى يېزا – كەنت، مەھەللە ئاھالىسى ئۆز ئالدىغا ئۈجمە سەيلىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئۈجمە يەپ بولۇپ، ئۈجمە ئەھيا قىلغۇچىلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بەزىلەر چۆنەك چاپسا، بەزىلەر ئۈجمىنى تەڭنە ياكى داسقا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ مىجىپ ياكى چېلىپ، ئۈجمىنى دانچىلاشتۇرۇپ، كۇلا(ئارغامچە)نى ئۈجمە چىلانغان تەڭنە ياكى داسقا سېلىپ، ئۈجمە دانچىلىرى كۇلىغا يۇققاندا ئۇنى چېپىلغان چۆنەككە سېلىپ كۆمۈپ ئۈستىدىن سۇغىرىدۇ. كۇلا بىلەن كۆمۈلگەن ئۈجمە ئۇرۇقى بىرقانچە كۈندىلا قويۇق ئۈنۈپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا خالىس ئەمگەك قىلغۇچىلار نوتىلارنى تاقلاپ، پەرۋىش قىلىدۇ، مۇۋاپىق شارائىتتا كۆچۈرۈپ، ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ ئاسرايدۇ. دېمەك، ئون تۈپ ئۈجمىنىڭ مېۋىسىنى يېگەن بولسا، 100 تۈپ، 1000 تۈپ ئۈجمە كۆچىتى ئۈندۈرىدۇ. ئۈجمە سەيلىسىدە كىشىلەر تەڭتۇشلىرى بىلەن بەزمە، باراۋەت قىلىپ، مۇزىكا چېلىپ، ناخشا، مۇقام ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. بۇ سەيلىگە چىقالمىغان كىشىلەر غېرىبسىنىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى قوشاقتىن كۆرۈڭ:

ھەر شەنبە چىقىپ يەيتىم،

مەي باغلىغان ئۈجمەڭنى.

 بۇ شەنبە چىقالمىدىم،

نە قىلاي غېرىبلىقنى

.......................

     ئۈجمە يېڭى پىشقاندا، يوقسۇللار ياكى ئۈجمىدىن پايدىلىنىپ كىرىم قىلغۇچىلار ئۈجمىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ سېتىپ كىرىم قىلىدۇ. يەنە بەزى يېزا ئاھالىسى ئۈجمىنى يېڭىلىق سوۋغىسى قىلىپ شەھەردىكى تۇغقانلىرىنى يوقلايدۇ. كىشىلەردىن ئېشىپ، تۆكۈلۈپ ياتقان ئۈجمىدە ئۈجمە شىرنىسى قاينىتىدۇ، قۇرۇپ قالغانلىرىنى قاق سالىدۇ، ئۈجمە قاقلىرىنى دورىگەرلەر سېتىۋېلىپ دورىلىققا ئىشلىتىدۇ. يىل ئاخىرىدا بۇنداق قۇرۇق ئۈجمىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلىدۇ ھەم روسىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان ئۈجمە شەربىتى ياساش زاۋۇتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تەمىنلەشتىن تاشقىرى خەلقئاراغا يۈزلەندى.

     خۇلاسە قىلغاندا، ئۈجمە دەرىخى رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە مېۋىلىك دەرىخى بولۇپ، خەلقىمىز ئۇنىڭدىن ئىككى خىل پايدىلانغان: بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ ئۈجمە مېۋىسىنى يېسە، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى بىلەن پىلە بېقىپ، يىپەك تارتىپ، ئۇنىڭدىن تاۋار – دۇردۇن، شاھى كىمخاپ، ئەتلەس، بەقەسەم توقۇغان. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن تېپىلغان ئالغۇي جىلغىسىدىكى يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 – ئەسىرگە تەئەللۇق قەدىمكى قەبرىدىن چىققان يىپەك توقۇلما، ئۇنىڭدىن كېيىن نىيىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن، لوپنۇردىكى كروران قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3 – ، 4 – ئەسىرگە تەئەللۇق بىر تۈركۈم يىپەك توقۇلمىلار ئۈجمە دەرىخىنىڭ رايونىمىزدا مىلادىدىن ئىلگىرىلا بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى، ئۈجمە بار جايدا پىلە بولىدۇ. 

بۈمەريەم شىرىپ خۇشتار

 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ