باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
شىنجاڭنىڭ ئوتلاق ،ئورمان بايلىقى
2008- 04- 27 13:44 تەڭرىتاغ تورى

 

    

       شىنجاڭنىڭ تەبئىي ئوتلاق بايلىقىنىڭ كۆلىمى چوڭ، تىپى كۆپ، ئوت–چۆپ تۈرلىرى مول، ئەلا سورتلۇق ئوت–چۆپ بىر قەدەر كۆپ. تۆت پەسىل ئوتلاقلىرى تۇلۇق . ئوتلاق ئومومىي مەيدانى 57 مىليون 800 گېكتارغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومومىي يەر مەيدانىنىڭ %34.44 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلانغىلى بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 48 مىليون گېكتار بۇلۇپ ، ئوتلاق ئومومىي مەيدانىنىڭ %83.3 نى ئىگىلەيدۇ. مەملىكەت بويىچە شىزاڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدىنلا كىيىن تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىز بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭ ئوتلاقلىرىنى 11 ئوتلاق تىپى، 25 كەنجى گۇرۇپپا، 131 ئوتلاق گۇرۇپپىسى ۋە 687 ئوتلاق تۈرىگە ئايرىشقا بولىدۇ. شىنجاڭ بويىچە يەم–خەشەك يىمەكلىك ئۆسۈملۈكلەر 2930 خىل (سۇ ئۆسۈملۈكلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) غا يىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەلا سورتلۇق ئوت– چۆپ ئۆسۈملۈكلىرى 382 خىل . دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئەلا سورتلۇق ئوت–چۆپلەردىن تىپچاق، قومۇشسىمان تىپچاق، زەۋىرەك، قىلتىرىقسىز ئارپىغان، تارغاقئوت، ئوتلاق قۇڭۇر باشى، كىرپىباش بېدە، سېرىق گۈللۈك بېدە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا بار.

     شىنجاڭنىڭ ئوتلاق تىپلىرىدىن مۆتىدىل چىملىق ئوتلاق، مۆتىل ئوتلاق، مۆتىدىل چۆللەشكەن ئوتلاق، ئېگىز تاغ ئوتلىقى، مۆتىدىل ئوتلاقلاشقان چۆللۈك ، مۆتىدىل چۆللۈك، ئېگىز تاغ چۆللۈكى، پەس تۈزلەڭ چىملىقى، تاغ چىملىقى، ئېگىز تاغ چىملىقى ۋە سازلىق چىملىقى قاتارلىقلار بار .يايلاق تۈرلىرىدىن يازلىق يايلاق، قىشلىق يايلاق ، ئەتىياز ۋە كۈزلۈك يايلاق ، قىشلىق، ئەتىياز كۈزلۈك يايلاق ۋە پۈتۈن يىللىق يايلاق قاتارلىقلار بار. لېكىن ئوتلاقلارنىڭ ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى ۋە پەسىللىك يايلاقلارنىڭ جايلىشىشى تەكشى بولماسلىقى، ئوتلاقلار تاغلاردا كۆپ ، سۈپىتى ياخشى بۇلۇش؛ تۈزلەڭلىكلەردە ئاز، سۈپىتى ناچار بۇلۇش؛ شىمالىي شىنجاڭدا كۆپ، سۈپىتى ياخشى بۇلۇش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاز، سۈپىتى ناچار بۇلۇش؛ يازلىق يايلاق نىسپەتەن يىتەرلىك، قىشلىق يايلاق كەمچىل بۇلۇش، ئوت–چۆپ ئىشلەپچىقىرىش يىللىق پەرقى ناھايىتى چوڭ بۇلۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۈيى كەم ئوتلاق كۆلىمى ئومومىي ئوتلاق كۆلىمىنىڭ %38 نى ئىگىلەيدۇ.

      شىنجاڭنىڭ ئورمان بايلىقى نىسپەتەن ئازراق، قاپلاش نىسپىتى ئاران %1.57 بۇلۇپ، ناھايىتى تۆۋەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جايلىشىشى تەكشى بولمىغانلىقتىن ، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئورمان بايلىقى بىر قەدەر كەمچىل جايلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدا 1 مىليون 523 مىڭ 988 گېكتار چاتقاللىق بار.ئۇلار ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ۋە ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ