باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
مۆتىدىل چىملىق يايلاق تىپى
2008- 04- 26 18:12 تەڭرىتاغ تورى

      ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 166 مىڭ گېكتار ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلەم 1 مىليون 86 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتلاق كۆلىمى ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلەمنىڭ %2 ۋە %2.3 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئاساسەن تەڭرىتاغ سۇ بۆلگۈچ داۋانىنىڭ شىمالىدىكى تاغلارنىڭ ئوتتۇرھال تاغ بەلۋېغىغا ، يەنى تاغلىق يىڭنە يوپۇرماق ئورمانلىق بەلۋېغىنىڭ تۆۋەنكى قىرغىقىغا جايلاشقان ياكى تاغلىق چىملىقنىڭ كۈنگەي باغرى بىلەن تاغلىق قۇرغاق ئوتلاقنىڭ تەسكەي باغرىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ ، كەڭلىكى تەخمىنەن 100–200مېتىر كېلىدىغان ، ئۇلاشمىغان بەلۋاغ شەكلىدە جايلاشقان . چىملىق ئوتلىقى جايلاشقان رايونلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق نەم بولۇپ ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى350–450 مىللىمېتىر ، تۇپرىقى تاغلىق قوڭۇر كاشتان تۇپراق ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرھال قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان ۋە قۇرغاق مۇھىتقا كەڭ دائىرىدە ماسلىشالايدىغان كۆپ يىللىق باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر . ئوتلاقتىكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرلەر ، ئاساسلىقى تىپچاق ، يايلاق قوغچىيى ، سىلو ، ئىنچىكە يوپۇرماق قوڭۇر باش ، شىنجاڭ قوڭۇر بېشى ، تېۋىلغا ، ئازغان ، شىنجاڭ ئارچىسى ۋە مەرۋەرەك قاتارلىقلار . تاغلىق چىملىق ئوتلىقىدا ئوت - چۆپ تۈرى مول، بىرقەدەر قويۇق ئۆسىدىغان بولۇپ ، ئوت–چۆپ ئېگىزلىكى ئادەتتە 30–40 سانتىمېتىر ، قاپلاش دەرىجىسى%60–%70 بولۇپ ،ھەر گېكتارنىڭ ئوت-چۆپ مىقدارى 3500–4560كىلوگرامغا يېتىدۇ .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ