باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
ئوتلاق ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى
2008- 04- 26 17:42 تەڭرىتاغ تورى

    ئوتلاق ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ يېمەكلىك ئۆسۈملۈكلىرى ، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ، مۇھىتتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارلىق تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ .

    1. يېمەكلىك ئۆسۈملۈكلىرى : ياۋايى يېمەكلىك ئۆسۈملۈكلىرىدىن شىنجاڭ ياۋا ئالمىسى ، ياۋا ئۆرۈك ، ئالۇچا ، جىغان ، ئۇچلۇق جىگدە ، قارا مالىنا ، بۆلجۈرگەن ۋە دولانا قاتارلىقلار بار . ياۋايى ۋىتامىنلىق ئۆسۈملۈكلەردىن قۇچقاچ تىل ، تار يوپۇرماق ئات قۇلاق ، ھەرخىل بېدىلەر ، ياۋايى يالپۇز ، ھەرخىل پاقا يوپۇرمىقى ، ھەرخىل مامكاپ قاتارلىقلار بار . تەبىئىي كراخمال ، قەنت تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن يىلانسىمان قامچا ئوت ، تاغ قامچا ئوتى ، چىڭگىلىك قاتارلىقلار بار . تەبىئىي ئاقسىللىق ئۆسۈملۈكلەردىن كۆپ خىل ياۋا پۇرچاق ، شالاڭ يوپۇرماقلىق يانتاق قاتارلىقلار بار . تەبىئىي ياغلىق دان ئۆسۈملۈكلىرىدىن ياۋا ياڭاق ، ياۋا بادام قاتارلىقلار بار .

     2. دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر : شىنجاڭدا چىقىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر 2014 خىل بولۇپ ، 158 تۈر ،637 ئۇرۇقداشقا تەۋە . قۇملۇقلاردىن تارتىپ ئېگىز تاغلارغىچە ھەممە جايغا تارقالغان ، ئىنتايىن كۆپ خىل دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە زاپاس مىقدارى كۆپ ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغانلىرى چۈچۈك بۇيا ، سوغا گۈل ، چاكاندىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈر . شىنجاڭنىڭ چۈچۈك بۇيا بايلىقى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ . كۆلىمى 933مىڭ 400 گېكتار بولۇپ ، ھەر يىللىق يىغىۋېلىش مىقدارى 60 مىڭ توننىغا يېتىدۇ . سوغا گۈلىنىڭ شىنجاڭدا تۆت خىل تۈرى بار ، ئاساسلىقى ئىلى ، بورتالا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ ، يىللىق يىغىۋېلىنىش مىقدارى 200 توننىدىن ئاشىدۇ . چاكاندىنىڭ شىنجاڭدا ئون نەچچە تۈرى بار بولۇپ ، ئاساسلىقى تۇراقلىق قۇم بارخانلىرىغا ، گوبى ۋە تاغ جىنسلىق تاغلارغا جايلاشقان . بۇنىڭدىن سىرت ، شىنجاڭدىلا بار بولغان دورىلىق ئۆسۈملۈكتىن يەنە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بولغان شىنجاڭ ھېڭى ، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى قار لەيلىسى ، پېدىگەن ئائىلىسىدىكى شىنجاڭ ئالىقاننى قاتارلىقلار بار .

    3. سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر : بۇنىڭدا ئاساسلىقى ياۋايى تالالىق ئۆسۈملۈكلەردىن قومۇش ، چىغ ، كەندىر قاتارلىقلار ، ياۋايى ئاشلاش خۇرۇچى ئۆسۈملۈكلىرىدىن بەش چېچىنكىلىق سۆگەت ، ئەمەن (سۆگەت) ، تىيانشان ئات قۇلىقى بار ؛ ياۋايى خۇش پۇراق ئۆسۈملۈكلەردىن قۇلماق گۈلى ، جۇڭگو جۇۋىسى ، ياۋا يالپۇز ، باشاق گۈللۈك يالپۇز قاتارلىقلار بار .

    4. مۇھىت ئاسراش ئۆسۈملۈكلىرى : ئاساسلىقى شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغانسۆكسۆك ، جۇزغۇن ، تېرىسكەن ، شالاڭ يوپۇرماقلىق يانتاق ؛ كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان چىملىق ئۆسۈملۈكلىرىدىن قوڭۇر باش ، قارا ئىجىرىق ، ئاق ئۈچ قۇلاق ، قىزىل ئۈچ قۇلاق قاتارلىقلار بار .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ