باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
ئوتلاق ئوت - چۆپ بايلىقى
2008- 04- 26 16:19 تەڭرىتاغ تورى

       شىنجاڭ ئوتلاقلىرىدا چارۋا بېقىشقا بولىدىغان تەبىئىي ئوت–چۆپ تۈر سانى 2930 تۈرگە يېتىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، تارقىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغانلىرى 382 خىل بولۇپ ، ئوت – چۆپ بايلىقى ئومۇمىي سانىنىڭ %13.04 ىنى ئىگىلەيدۇ ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيىلىك جۇغراپىيىلىك رايونلارغا تارقالغان بولۇپ ، ھەرخىل تىپتىكى ئوتلاقلارنىڭ ئاساسلىق تۈرىنى شەكىللەندۈرىدىغان سورتى ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە سورتى ھېسابلىنىدۇ . مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى ، پۇرچاق ئائىلىسى ، باشاقلىقلار ئائىلىسى ، لويلا ئائىلىسى ، قىياق ئائىلىسىدىكى ئوت- چۆپ تۈرى شىنجاڭ ئوتلاقلىرى ئوت - چۆپ بايلىقىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ . باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەر ئاساسەن تاغلىق رايونلاردىكى ئوتلاقلارغا جايلاشقان بولۇپ ، ئوت - چۆپ تۈرىنى شەكىللەندۈرىدىغان سورتلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ، ئوزۇقلۇق ساپاسى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئوت– چۆپلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ - ئازلىقى ، سۈپىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى شۇ رايوندىكى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەر ھەر تۈرلۈك ئوتلاقلارغا تارقالغان بولۇپ ، تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ ، نۇرغۇن تۈرلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى . پەقەت ئاز ساندىكى ئەمەن ئۇرۇقدىشى ، يۆگىمەچ ئەمىنى ئۇرۇقدىشى ، چۆل مېغىز ئۇرۇقدىشى ، ئاجانىيە ئۇرۇقدىشىدىكى بىر قىسىم سورتلار چۆللۈك ، يېرىم چۆللۈك ئوتلاقلارنىڭ ئوت - چۆپ قۇرۇلمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ . پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن مول بولۇپ ، ئېگىز تاغلاردىن تۈزلەڭلىكلەرگىچە ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئوتلاقلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان ، جۈملىدىن نۇرغۇن تۈرلىرى چىملىق ئوتلاقلار ۋە چۆللۈك ئوتلاقلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . قارىغان ( پىرمە ) ئۇرۇقدىشى تاغلىق چاتقاللىق ئوتلاقلىرىدىكى ئاساسلىق تۈر شەكىللەندۈرىدىغان سورت ؛ چۈچۈك بۇيا ئۇرۇقدىشى ، يانتاق ئۇرۇقدىشى بولسا پەسلىك شورتاڭلىق چىملىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ، ئاق گۈللۈك ئۇچ قۇلاق ، ياۋا كۆك پۇرچاق ، كەكىرا ، تەلۋە ، ئۇپقان ، بېدە قاتارلىق ئۇرۇقداشلاردىكى بەزى سورتلارمۇ بۇ ئوتلاقلاردىكى ئاساسلىق ھەمراھ تەركىب بولۇپ ، ئوتلاقنىڭ ئوت تۈرى سۈپىتىنى ياخشىلاش ، ئوتلاقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .لويلا ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەرنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ ، مەملىكىتىمىزدىكى باشقا ئۆلكە ، ئاپتونوم رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، شىنجاڭ لويلا ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەر ئەڭ مول بولغان رايون ھېسابلىنىدۇ ؛ جۈملىدىن ، نۇرغۇن تۈرلىرى شىنجاڭ چۆللۈك ئوتلاقلىرىنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولۇپ ، ئۇلار ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتە ، بولۇپمۇ قۇرغاق رايونلاردا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم رولغا ئىگە . قىياق ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەردىن ، يازدا پايدىلىنىدىغان ئوتلاقلاردا قوغجاي ئۇرۇقدىشى ۋە ئەمەن ئۇرۇقدىشدىكى بەزى سورتلار ئاساسلىق ياكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئگە سورت بولۇش ئورنى بىلەن ئېگىز ھەم سوغۇق رايون چىملىق ئوتلىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ