|

شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئوتلاقلىرىنىڭ تەخمىنىي كۆلىمى 57 مىليون 258 مىڭ 800 گېكتار بولۇپ ،ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %34.44 ىنى ئىگىلەيدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان كۆلەم 48 مىليون 8000 گېكتار ، تەبىئىي چاپمىلىق كۆلەم 1 مىليون 551 مىڭ 700 گېكتار بولۇپ ، يېزا ئىگىلىكىگە ، ئورمانچىلىققا ، چارۋىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان 55 مىليون 20 مىڭ گېكتار يەرنىڭ% 86.9 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئوتلاقلار تۈزلەڭلىكتىن تارتىپ ئېگىز تاغدىكى قار لىنىيسىگىچە بولغان ئارىلىققا جايلاشقان بولۇپ ، بۇ شىنجاڭدا ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ماددىي بازىسى . شىنجاڭنىڭ ئوتلاق كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ ، پەقەت شىزاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭلا كەينىدە . ئوتلاق تىپى ئىنتايىن مول ، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش شارائىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىنى باھالىغاندا ، ئوتلاق سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تۈزگەن ‹‹ جۇڭگو ئوتلاق تىپىنى تۈرلەرگە ئايرىشتىكى ئايرىش ئۆلچىمى ۋە جۇڭگو ئوتلاق تىپىنى ئايرىش سېتىمىسى›› دىكى پرىنسىپقا ئاساسەن ، شىنجاڭدا 11 ئوتلاق تىپى ، 25 ئوتلاق كەنجە تىپى ، 131 ئوتلاق گۇرۇپپىسى ۋە 687 ئوتلاق تۈرىگە ئايرىشقا بولىدۇ .
|