|
سۇ بايلىقى _ مۇئەييەن رايون دائىرىسى ئىچىدە ئاتموسفېرادىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردا قاتتىق ھالەتتە ساقلانغان ياكى كۆللەردە ، سۇ ئامبارلىرىدا سۇيۇق ھالەتتە ساقلىنىۋاتقان ۋە ياكى يەر يۈزىدە سىرغىم شەكىللەندۈرۈپ ئېقىۋاتقان يەر ئۈستى سۇلىرى ۋە يەر ئاستىغا سىڭىپ يەر ئاستى سۈيى بولۇپ شەكىللەنگەن سۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ . شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا ھۆل يېغىنىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارى 254 مىليارد 600مىليون كۇب مېتىر بولۇپ ، بۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 85 مىليارد 700مىليون كۇب مېتىر سۇ بايلىقىنى ھاسىل قىلىدۇ ،بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 97 مىليارد 004 مىليون كۇب مېتىر ، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن تەكرارلانمايدىغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 6 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ ، بۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 85 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر سۇ بايلىقىنى ھاسىل قىلىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 79 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر ، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن تەكرارلانمايدىغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 6 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر ، بۇنىڭغا دۆلەت سىرتىدىن ئېقىپ كىرىدىغان 8 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر دەريا ئېقىن مىقدارىنى قوشقاندا ، ئەمەلىي پايدىلىنىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 94 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ . شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى تولىمۇ تەكشى ئەمەس . پەقەت ھۆل يېغىن ئارقىلىقلا تولۇقلىنىدىغان دەريالاردىن ھاسىل بولىدىغان يەر ئۈستى سۇبايلىقلىرىنىڭ مولچىلىق مەزگىلى 4~8- ئايلاردا كېلىدۇ ، زور مىقداردىكى مۇزلۇق سۇلىرى ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ مولچىلىق مەزگىلى بولسا 6~9- ئايلاردا كېلىدۇ ، مۇزلۇقلار يەر ئۈستى سۇ بايلىقىغا نىسبەتەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەڭشەش رولىغا ئىگە . تۈزلەڭ رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ %83.50 ى يەر ئۈستى سۇلىرىنى مەنبە قىلىدۇ ، ئۇنىڭ مولچىلىق مەزگىلى يەر ئۈستى سۈيىنىڭكىدىن كېيىنرەك بولۇپ ، كېچىكىش مەزگىلى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ . سۇ بايلىقىنىڭ ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشىدا تاغلىق رايونلاردا كۆپ ، تۈزلەڭلىكلەردە ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بار . ئالتاي ، تەڭرىتاغلىرىدىكى ئەڭ زور يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 800- 1000 مىللىمېتىرغا ؛ پامىر ، كوئېنلۇن تاغلىرىدىكى يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان رايونلاردا 400-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ . دەريالار ئاساسەن تەڭرىتاغ ، ئالتاي تېغى ۋە كوئېنلۇن تاغلىرىدىن شەكىللەنگەن . يەر ئاستى سۇلىرى ئاساسەن تاغلىق رايونلاردىكى يەر ئۈستى سۇلىرىنىڭ سىڭىشىدىن كەلگەن . تۈزلەڭ رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يەر ئاستى سۇ بايلىقى بولۇپ ، ئۇنىڭ زاپىسى 38 مىليارد300 مىليون كۇب مېتىر ، بۇنىڭ ئىچىدە 6 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىرى ھەر يىللىق تەبىئىي ھۆل يېغىندىن تولۇقلىنىدۇ . 32 مىليارد كۇب مېتىرى يەر ئۈستى سۇلىرىنىڭ سىڭىشىدىن تولۇقلىنىدۇ . شىنجاڭدىكى يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ كۈنلۈك ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى 25 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىرغا بارىدۇ . نۆۋەتتە يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىتىلىش مىقدارى 7 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ ، ئىچىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ%31.3ىنى ئىگىلەيدۇ .
|