باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى
2008- 04- 10 18:54 تەڭرىتاغ تورى

         

       شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيسى بايلىقى ئىنتايىن مول ، يىللىق شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ نەزەرىيۋى زاپاس مىقدارى 3تىرىليون كىلوۋات –سائەت ئەتراپىدا ،تاغ ئېغىزلىرى شامال ئېنېرگىيە بايلىقى ئەڭ مول جايلار بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 3000كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى، جۇڭغار ئويمانلىقىدا كۆپىنچە يىلىغا 300~800كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر؛ تارىم ئويمانلىقىدا كۆپىنچە يىلىغا 300كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر؛ شەرقىي قىسمىدا يىلىغا 800كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى. شامال ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش قىممىتىگە جايلار كۆپىنچە شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرى، دەريا ۋادىسى ، تاغلىق جىلغىلار ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، غەربىي شىمالىي قىسمى ھەمدە تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي شىمالىي ئېتەكلىرىدە يەتتە ئورۇنغا مەركەزلەشكەن. 1.ئېرىتىش دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شامال رايونى ،شامال ئېنېرگيىسى يىلىغا 900~1100كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر. 2.جۇڭغار ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسمى شامال رايونى:شىمالدا قۇبۇقسارنىڭ جەنۇبىدىن قارامايغىچە ھەمدە تولىدىكى لاۋفىڭكۇغىچە بولۇپ ، شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 700~1500كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر. 3.ئالاتاۋ ئېغىزى —ئېبنۇر كۆلى شامال ئېغىزى: بارىكۆل تېغى بىلەن ئالاتاۋنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورانكۆل جىلغىسىغا جايلاشقان شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 3000~4000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر بولۇپ ، شىنجاڭ بويىچە شامال ئېنېرگىيە بايلىقى ئەڭ مول رايون . 4. ئۈرۈمچى– داۋانچىڭ شامال رايونى: ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى ئولانبايدىن داۋانچىڭ تاغ ئېغىزىغىچە بولۇپ ،شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 2000~3000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر. بۇ يەردە ھازىر ھازىر ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغان بولۇپ ، شامال كۈچى گېنراتور گۇرۇپپىسىدىن 111بار، ئومومىي سىغىمچانلىقى 57مىڭ 500 كىلوۋات سائەت. 5 .قومۇلنىڭ جەنۇبىي شىمالىي گوبىيىدىكى شامال رايونى: شەرقىي تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي يانباغرىدىكى سەنتاڭخۇ–جوموخۇ گوبىيى ۋە گاشىن گوبىيىغا جايلاشقان .شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 1500~2000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر. 6.تۇرپان شامال رايونى :ئۆزئىچىگە تۇرپاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خۇگۇدىن سەنگېچۈەنگىچە بولغان ‹‹30چاقىرىملىق شامال رايونى››نى، بەيياڭگۇدىن توقسۇنغىچە بولغان شامال رايونى ۋە تۇرپاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئايدىڭكۆل شامال رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 1500~2000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىر. 7.يۈز چاقىرىملىق شامال رايونى : قومۇلنىڭ غەربىي ،لەنجۇ –شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ لياېدۇڭدىن ئون ئۈچ تۈتۈگىچە بولغان يۈز كىلومېتىرلىق يول ياقىسى بولۇپ ،شامال ئېنېرگىيىسى يىلىغا 2000 كىلوۋات –سائەت/كۋادرات مېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ