باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
خوتەن قاشتېشى
2008- 04- 10 18:52 تەڭرىتاغ تورى

     

       قەدىمكى زاماندا ‹‹كوئىنلۇن قاشتېشى››. ‹‹يۇرۇڭقاش قاش تېشى›› دەپمۇ ئاتالغان، شىنجاڭنىڭ كوئىنلۇن تېغى رايونىغا تارقالغان. بۇ قاشتاش ماگنىيلىق مەرمەر تاش بىلەن ئوتتۇرھال كىسلاتالىق ماگما جىنىسلارنىڭ ئۇچىرىشىپ ئورۇن ئالمىشىشىدىن ھاسىل بولغان ترېمولىت بىرىكمە گەۋدىسىدىن تەركىپ تاپقان. ھازىر مەلۇم بولغان خوتەن قاشتېشى چىقىدىغان ئورۇندىن 20نەچچىسى بار بولۇپ،كوئىنلۇن تېغى بىلەن ئالتۇن تاغلىرىغا ،قاغىلىق ناھىيىسدىن تارتىپ چاقىلىققىچە بولغان رايونلارغا تارقالغان .داڭلىق كان ياتمىلىرىدىن كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئالماس، چەرچەن ناھىيىسىدىكى تاتلىقسۇ، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مىئەردەي تېغى قاتارلىق كان ياتمىلىرى بار.كان ياتمىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ،غۇلاپ دۆۋىلەنگەن ۋە چاشما كان ياتمىسى دېگەن ئۈچ خىل تىپى پار.ئەسلىدىكى كان ياتمىسى ماگنىيلىق مەرمەر جىنىس بىلەن ئوتتۇرھال كىسلاتالىق ماگما جىنىسلارنى ئۇچىرىشىپ ئورۇن ئالمىشىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، كۆپلىگەن شەرتلەرنىڭ قاتتى كونترول قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ،ئادەتتە بۇنداق كان گەۋدىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمايدۇ؛غۇلاپ دۆۋىلەنگەن كان ياتمىسى ئەسلىدىكى كانلارنىڭ يىمىرىلىشى،غۇلاش ۋە سۇ ئېقىنى تەسىرىدىن ھاسىل بولغان؛چاشما كان ياتمىلىرى دەريا ئېقىنلىرى،پەلەمپەي يەرلەر،يەلپۈگۈچسىمان دەريا چۆكۈندىلىرى،كەلكۈن دۆۋلەنمىلىرىدە كەڭ تارقالغان،يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسى، يەكەن دەريالىرى داڭلىق قاشتېشى چىقىدىغان دەريالاردۇر. قاشتېشى تاغ قاشتېشى، تاغ ئېقىن قاشتېشى، سۇ قاشتېشى دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ، سۇ قاشتېشىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى. رەڭگىگە قاراپ ئاق قاشتېشى ، سېرىق قاشتېشى، كۆك قاشتېشى، قارا قاشتېشى دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. مايلىق قاشتېشى ئەڭ ياخشىسى ھېساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ مىنېرال تەركىبى ترېمولت بولۇپ،دانچىسى ئىنتايىن ئۇششاق،كۆپىنچىسى كىگىزسىمان قۇرۇلمىلىق كېلىدۇ.سۈپىتى سىپتا،سىلىق، ئۆزى ئىللىق،جۇلالىق، موس قاتتىقلىقى 6~7غىچە،ئەۋرىشىملىكى ئىنتايىن يوقۇرى بولۇپ،قاشتاشلار ئىچىدە ئەڭ ئېسىلى شۇ.ئۇنىڭ ئېچىپ ئۆزلەشتۈرۈلۈش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ.شياڭ–يىن دەۋىرلىرىدىلا جۇڭگونىڭ قاشتېشى ئەسۋاپلىرىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. قاشتاشقا ئائىت گېولوگىيىلىك خىزمەتلەر 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىدا قانات يايدۇرۇلدى ، ھازىرغىچە يەنە داۋاملىق قېزىلماقتا . يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 100توننىغا يېتىدۇ.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ