|
سوپۇن تاشنىڭ كەنجى تۈرى سىمېكتىت مىنېراللار بولۇپ ، ئاساسلىقلىرىدىن سوپۇن تاش ، ماگنىيلىق سوپۇن تاش،لىتىيلىق سوپۇن تاش قاتارلىقلار بار.ئۇلار ئاساسەن گىرىم بۇيۇملىرى ،كۈندۈلۈك بۇيۇملار سانائىتى ،دورىگەرلىك قاتارلىق سانائەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ . توخسۇن ناھىيىسى ليۇشۇگۇ سوپۇن تاش كېنى1984–يىلى بايقالغان. 1984~1987–يىللىرى ئومومىيۈزلۈك ۋە تەپسىلىي تەكشۈرۈلگەن.1997~1998–يىللىرى يەنە قىسمەن گېئولوگىيىك خىزمەتلەر ئىشلىنىپ،زاپىسى ئاشۇرۇلغان.بۇ سوپۇن تاش كان ياتمىسى پىرولىت،مول ئىشقارلىق گرانىت بىلەن ئوتتۇرا دىۋون دەۋرىدىكى كرېمنىيلىق مەر–مەر جىنىسلار تېگىشكەن بەلۋاغدا ھاسىل بولغان ،تېگىشمە بەلۋاغ بىر قەدەر ئېغىر دەرىقىدە چىرىگەن ۋە يانجىلغان ،شىمال،ئوتتۇرا ۋە جەنۇپتىن ئىبارەت ئۈچ كانلىشىش بەلۋېغى بار بولۇپ ،ئۇزۇنلۇقى 110~170مېتىر،كەڭلىكى20~38مېتىرچە كېلىدۇ.رۇدىسى بوزرەڭ تۈس ئالغان ،ئاساسلىق مىنېرالى سوپۇن تاش،ماگىنىيلىق سوپۇن تاش بولۇپ ،ئادەتتە تەركىبى%3~%5كىچە ، قىسمەن جايلىرى %15~%25گە يېتىدۇ. كرېمنىيلىق ھاكتاش جىنىسلىرىنىڭ يېرىقلىرىنى بويلاپ قەېەتلىنىپ جايلاشقان. باشقا مېنېراللاردىن مونتمورىللونىنت، كالتىست ، كۋارتس ، دىئوپسد ، گراپىستون ، گارنىتلارمۇ بار . رۇدىلارنىڭ مۇسبەت ئىئون ئالماشتۇرۇشتىكى ئوتتۇرىچە سىغىمچانلىقى 13.69 100/100گرام، ئوتتۇرىچە رەڭ سۈمۈرۈش مىقدارى 5.25گرام / مىللىي گرام ئېكۋىۋالېنتگرام ، مونتمورىللونىنت تەركىبى%11.88،ئوتتۇرىچە كوللوئىد دەرىجىسى %73.بۇ كان 1984–يىلدىن تا ھازىرغىچە كىچىك كۆلەمدە قېزىلماقتا، كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى چەت ئەللەردىكى ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە يەتتى،خېلى بازارلىق بولۇپ،ئېچىش ئىستىقبالى ئىنتايىن ياخشى.
|