|
ئاساسەن تارىم ئويمانلىقى ، تۇرپان قومۇل ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى ، شۇنىڭدەك ئويمانلىقلارنىڭ ئەتراپلىرىدىكى4–دەۋىرگە خاس ھازىرقى زامان تۇز كۆللىرىگە تارقالغان. ئاساسلىق كان چىقىدىغان جايلار لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز ياتمىسى ، ئۇنىڭدىن قالسا توخسۇن ناھىيىسىنىڭ شياۋخېڭشەن–ئۆركەش بۇلاق كالىيلىق تۇز كان ياتمىسى ، قوبۇقسار ناھىيىسىنىڭ ماناس كۆلى كالىيلىق كان ياتمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. لوپنور كۆلى كالىيلىق تۇز كېنى ياتمىسى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. كۆلىمى 5500كۋادرات كلومېتىر بولۇپ ،قاتتىق فاتسىيىلىكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.بايقالغان رۇدا تىپلىرى كالىيلىق تۇز،كالىيلىق سېلىتراقاتارلىقلاردىن ئىبارەت.سۇيۇق فاتسىيىلىك كانلاردا كالىي خلورىد بىلەن كالىي سولفىد ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر ئۈستىدىكى تاش تۇز پوستىنىڭ ئاستىدىكى دانچىسىمان تاش تۇز كرىستاللىرى ئارىسىدىكى ئىشقارلىق سۇلار ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ ،تارقىلىش كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ،قاتلام ئورنى مۇقىم.قاتتىق فاتسىيىلىك كانلار كالىيلىق سېلىترانى ئاساس قىلغان بولۇپ،كۆل ئويمانلىقىغا نىسبەتەن ئويمان يەرلەردىكى يەر ئۈستى تاش تۇز پوستىلىرى ئارىسىغا تارقالغان ،قېلىنلىقى ئادەتتە نەچچە ئون مېتىردىن بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ .مۆلچەردىكى زاپاس مىقدارى 100مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.
|