|

تاش تۇز، شور— بايلىقى ئىنتايىن مول، كۆپىچە ئىككىسى ئورتاق ھاسىل بولىدۇ. رۇدىلىرىنىڭ قاتتىق فاتسىيىلىك ، يۇمشاق فاتسىيىلىك ۋە قاتتىق –سۇيۇق ئارىلاش فاتسىيىلىك بولۇشتەك ئۈچ خىل تەبئىي تىپى بار. كان ياتمىلىرىدىن 4–دەۋىردىن بۇرۇنقى قەدىمكى تۇزلۇق كان ياتمىلىرى ۋە 4–دەۋىردىكى ھازىرقى زامان تۇزلۇق كان ياتمىلىرىمۇ بار.ھازىرقى زامان تۇزلۇق كان ياتمىلىرى:ئاساسەن جۇڭغار، تۇرپان –قۇمۇل، تارىم ئويمانلىقلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپلىرىغا جايلاشقان؛ ھازىر تاش تۇز چىقىدىغان ئورۇندىن160 نەچچىسى ،شور كان مەيدانىدىن40نەچچىسى مەلۇم بولدى. ھازىرقى زاپاس ئىچىدە1مىليارد 200مىليون توننا تۇز، 175مىليون توننا شور بار. مىنېراللىشىش گېئولوگىيىسى ۋە گىدروگېئولوگىيىلىك شارائىتقا ئاساسەن ،كان ياتمىلىرىنى تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ،يەنى يۈزى ئىشقارلىق سۇ تىپىدىكى كان ياتمىلىرى ، مەسلەن ، ئېبنۇر كۆلى تاش تۇز ، شور كان ياتمىسى،ئۇ ئادەتتە سۇيۇق فاتسىيىلىك ، سورتى تۆۋەن، كۆلىمى زوربولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە؛ تۇز كۆل تىپىدىكى كان ياتمىلىرى، مەسلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ ،باركۆل ناھىيىسىنىڭ باركۆل تاش تۇز،شور كان ياتمىسى، ئۇ ئادەتتە قاتتىق–سۇيۇق ئارىلاشما فاتسىيىلىك ،سورتى يوقىرى،كۆلىمى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىكلىككە ئىگە؛ تۇز كۆل تىپىدىكى كان ياتمىلىرى،مەسلەن،قۇمۇل شەھىرىنىڭ چىجاۋجىڭ،تۇرپان شەھىرىنىڭ ئويبۇلاق تاش تۇز،شور كان ياتمىسى،ئۇ ئادەتتە قاتتىق سۇيۇق ئارىلاشما فاتسىيىلىك بولۇپ،ناھايىتى قېلىن،سانائەت قىممىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە؛ تۇز ساھىلى تىپىدىكى كان ياتمىلىرى ،مەسلەن، قۇمۇل شەھىرىنىڭ لاۋۋۇ–سىكېشۇ شور كان ياتمىسى،ئۇ ئادەتتە قېلىن فاتسىيىلىك بولۇپ، نېپىز،قېزىش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قەدىمكى تۇز تۈرىدىكى كان ياتمىلىرى ئوتتۇرا، يېڭى ھايات ئېراسى ئويمانلىقلارغا ۋە قەدىمكى ھايات ئېراسى قۇرۇقلۇقلىرى ياقىسىدىكى ئويمانلىقلارغا جايلاشقان. مەلۇم بولغان كان مەيدانلىرى 60 تىن ئاشىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە ،بايلىق ئومومىي زاپىسى100مىليارد توننا كېلىدىكەن.تاش تۇز كان ياتمىلىرىدا ئاساسەن 3–دەۋىردە،ئۇنىڭدىن قالسا تاشكۆمۈر دەۋرى ۋە بور دەۋىرلىرىدە تۇز ھاسىل بولغان. ئاساسەن بەش ئورۇندا تۇز ھاسىل بولغان، ئۇلار تارىمنىڭ مەركىزى يەر بۆلىكىنىڭ شىمالىي ياقىسىدىكى كۇچا ئولتۇرۇشمىسى تۇز ھاسىل قىلىش رايونى ۋە جەنۇبىي ياقىسىدىكى غەربىي جەنۇپ ئولتۇرۇشمىسىدىكى تۇز ھاسىل قىلىش رايونى، تۇرپان–قۇمۇل ئويمانلىقى تۇز ھاسىل قىلىش رايونى، قۇمكۆل ئولتۇرۇشمىسى تۇز ھاسىل قىلىش رايونى، جەنۇبىي تەڭرىتاغ تۇز ھاسىل قىلىش رايونى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كان ياتمىسى ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ:بىر تۈرى دېڭىز فاتسىيىلىك، لاگونال فاتسىيىلىك چۆكۈندىلەر بولۇپ،ئاساسەن تارىم ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ تۇز ھاسىل قىلىش رايونلىرىغا جايلاشقان،ئۇلارنىڭ تۇز قاتلىمى بىرقەدەر قېلىن؛ يەنە بىر تۈرى ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى فاتسىيىلىك چۆكۈندە كان ياتمىلىرى بولۇپ،تۇرپان قۇمۇل– ئويمانلىقى ۋە قۇمكۆل ئويمانلىقى تۇز ھاسىل قىلىش رايونىغا جايلاشقان،تۇز قاتلىمى ئادەتتە بىر قەدەر نېپىز بولۇپ، تارقىلىش كۆلىمى زور ئەمەس. شىنجاڭنىڭ مول تۇز بايلىقلىرىنى ئېچىشنىڭ ئىستىقبالى كەڭ. بولۇپمۇ شور كان بايلىقى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئېكسپورت كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
|