باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
ماگنېزىت كېنى
2008- 04- 10 18:50 تەڭرىتاغ تورى

      بۇ ئاساسەن خېجىڭ–پىچان دولومىت كانى ھاسىل بولغان بەلۋاغقا جايلاشقان. كان بەلۋېغىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى300نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر شىنجاڭنىڭ دولومىت چىقىدىغان ئاساسلىق كېنى. باشقا رايونلاردىن ، مەسلەن ، كېرىيە ، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىنمۇ ئاز مىقداردا ماگنېزىت چىقىدۇ. ھازىر خېجىڭ ناھىيىسىدىكى قارىقات ماگنېزىت كان ياتمىسىنىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى 50مىليون 485مىڭ توننا بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە 4–ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ كان خېجىڭ ناھىيىسىدىن غەربىي شىمالغا 180 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان . ئوتتۇرا دېۋون دەۋرى سائارمىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ 2–كەنجى گۇرۇپپىسىدا ھاسىل بولغان، 30غا يېقىن كان گەۋدىسى بار ، يەككە كان گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20~750مېتىرغىچە ، كەڭلىكى 20~200مېتىرغىچە كېلىدۇ : كان گەۋدىسى قاتلامسىمان ، لىنزىسىمان، يېسىمۇقسىمان تۈس ئالغان. كان گەۋدىسىنىڭ يېتىش ھالىتى يەر قاتلىمىنىڭ يېتىش ھالىتى بىلەن بىردەك بولۇپ ، ئەتراپ جىنىسلىرى بىلەن بولغان چىگرىسى ئېنىق. رۇدىسى ئاق رەڭلىك، گۆش رەڭلىك، كرىستاللىق ماگنېزىت بولۇپ، ئاز مىقداردا دولومىت،تالىك ۋە مىكرو كرىستاللىق سېرىق تۆمۈر رۇدىسى ئارىلاشقان. رۇدا سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ،1–، 2–دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار كۆپ ،باشقا كان ئورۇنلىرى، مەسلەن، پىچان ناھىيىسىدىكى جيەنشەن ماگنېزىت كېنى قاتارلىقلارنىڭ قېزىلما بايلىق ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ