باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
ئوتقا چىداملىق سېغىز
2008- 04- 10 18:49 تەڭرىتاغ تورى

     ئوتقا چىداملىق سېغىز ئاساسەن يۇرا سىستېمىسىنىڭ كۆمۈر سىستېمىسى يەر قاتلاملىرىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۈرۈمچى ،غۇلجا ،قۇمۇل قاتارلىق ئۈچ جايدىكى كان ئورنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. كان ياتمىسىنىڭ تىپى ئاساسەن كۆمۈرقاتلاملىرى بىلەن بىرگە پەيدا بولغان چۆكۈندە تىپىدىكى كان ياتمىلىرىدىن ئىبارەت. يىمىرىلگەن قالدۇق چۆكۈندە تىپلىق ۋە قەدىمكى يالانما يۈزدىكى چۆكۈندى تىپلىقلىرىمۇ بار. ئوتقا چىداملىق سېغىز كان ياتمىلىرى ئادەتتە كۆپ قاتلاملىق ھالەتتە كۆمۈر قاتلاملىرىنىڭ يېنىدا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە يۈز مېتىردىن بىر قانچە مىڭ مېتىرغىچە بارىدۇ، يەككە قاتلاملىرىنىڭ قېلىنلىقى 0.5–5مېتىرغىچە،ئومۇمىي قېلىنلىقى 5–12مېتىرغىچە كېلىدۇ. رۇدا تىپى يۇمشاق سېغىز تىپلىق ۋە قاتتىق سېغىز تىپلىق بولۇپ، ئاساسلىق مىنېراللاردىن گاۋلىڭ تېشى،ئاللوفان، كۋارتىس، سۇلۇق چىرىمتال قاتارلىقلار بار. رۇدىلىرىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىدەمىقدارىAl2O3  نىڭ مىقدارى ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەنرەك، تۆمۈر مىقدارى يۇقىرىراق بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ چىداملىق دەرىجىسى℃1650–1770غىچە بارىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چيەنشۈيخې ئوتقا چىداملىق سېغىز كان ياتمىسى ئەڭ تىپىك بولۇپ،  ئۈرۈمچى تاغ ئالدى ئولتۇرۇشمىسىنىڭ ئوتتۇرا يۇرا دەۋرى شىسەنياۋ گۇرۇپپىسى قاتلاملىرىدا ھاسىل بولغان. ئوتقا چىداملىق سېغىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاستىقى قىسمىدىكى ئاساسىي كۆمۈر ئوقۇرى بۆلىكىدە ھاسىل بولغان. ئۇنىڭ ئۈستى كۆمۈرلۈك قاتلام بولۇپ، ئەتراپى قۇمتاش، گىلتاش قاتارلىق تاغ جىنىسلىرى بىلەن ئورالغان. كان رايونىنىڭ كۆلىمى 10كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، تۇدۇڭخابا ئوڭدا پۇرمىسىنىڭ جەنۇبىي قانىتىغا جايلاشقان . كان قاتلىمى 10كىلومېتىرغا قەدەر سوزۇلغان،ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 2~3مېتىر،ئەڭ قېلىن جايى5 مېتىر،ئەڭ چوڭ يېرى 150مېتىرغا سوزۇلغان. رۇدا تىپلىرىدىن قاتتىق سېغىز، يۇمشاق سېغىز، يېرىم كرىمنىيلىك سېغىز قاتارلىق 7دەرىجىگەبۆلىنىدۇ. تەجىرىبىلەردىن قارىغاندا قاتتىق سېغىزنىڭ 1–دەرىجىلىك سورتى دومناپېچنىڭ خىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ، قاتتىق سېغىزنىڭ 2–دەرىجىلىك سورتى قۇيمىچىلىقنىڭ خىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ. تەپسىلىي چارلاش ئارقىلىق ئېنىقلانغان B+C+D دەرىجىلىك زاپىسى 5مىليون 334مىڭ توننا بولغاچقا، بۇ بىر ئوتتۇرا تىپلىق كان ياتمىسى ھېساپلىنىدۇ. بۇ كان ياتمىسىنىڭ رۇدا تۈرلىرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ئېچىش شارائىتى ياخشى بولۇپ، كان مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن شىنجاڭ پولات تۆمۈر شىركىتىدە ۋە ساپالچىلىق سانائىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ