|
ئاساسەن ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىگە مەركەزلەشكەن ، باشقا رايونلاردا پارچە–پۇرات ، تارقاق جايلاشقان . جەمئىي15كان ياتمىسى بار بولۇپ ، بۇنىڭ . ئىچىدە ئۈچ ئورۇندىكىسى يەككە قوغۇشۇن كېنى ، قالغان 12ئورۇندىكىسى قوغۇشۇن–سىنىك ، مىس –سىنىك ، مىس–قوغۇشۇن–سىنىك كانلىرىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى كان ياتمىسىدىن بىرى ، ئوتتۇرا تىپتىكى كان ياتمىسىدىن تۆتى بار.كان ياتمىسى ئاساسەن قاتلام كونتىروللىقى تىپىدىكى قوغۇشۇن–سىنىك كېنى، يانار تاغ چۆكۈندىسى قوغۇشۇن –سىنىك كېنى ، دېڭىز فاتسىيىلىك يانار تاغ جىنىسىنىڭ سېرىق تۆمۈر رۇدىسى تىپىدىكى مىس كېنى بىلەن تەڭ ھاسىل بولغان قوغۇشۇن –سىنىك كېنى قاتارلىق تىپلارغا مەنسۈپ ، ئىككىنچى ئورۇندىكى تىپلاردىن ئورتاق چۆكۈندى تىپى، سكارن تىپى ۋە ئىسسىق ئېرىتمە تىپى قاتارلىقلار بار.ئاشىلى مىس–سىنىك كانىدا ھازىر ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.كۆكتال ۋە باشقا كان ياتمىلىرىدا كىچىك كۆلەملىك رۇدا قېزىلىۋاتىدۇ.
|