باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
ئالتۇن كېنى
2008- 04- 10 18:48 تەڭرىتاغ تورى

     شىنجاڭدا  ئالتۇن كېنىنىڭ تارقىلىش نۇقتىلىرى كۆپ ، دائىرىسى كەڭ ، بايلىقى مول، ئالتۇن تۈرلىرىدىن تاغ ئالتۇنى ،كېپەك ئالتۇن ۋە باشقا كانلار بىلەن ھاسىل بولغان ئالتۇنلار بار. ئالتاي تاغلىرى، شەرقىي ۋە غەربىي جۇڭغار ئويمانلىقلىرى ، تەڭرىتاغلىرى ، كوئىنلون تاغلىرى ، ئالتۇنتاغ قاتارلىق ھەرقايسى تاغ سىستېمىلىرى ۋە تاغ ئالدىدىكى رايونلارغا كەڭ تارقالغان. ئالتۇن چىقىدىغان جايلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى 56ناھىيە(شەھەر)گە تارقالغان بولۇپ ، بەلۋاغ شەكىلدە جايلىشىش ، مەركەزلىشىپ توپ–توپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

      تاغ ئالتۇنى ئاساسەن ئالتاي تاغلىرى ، تەڭرىتاغلىرى ، شەرقىي ۋە غەربىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارغا تارقالغان . كېپەك ئالتۇن مەركەزلىك ھالدا ئالتاي رايونى ۋە خوتەن–چەرچەن ئەتراپلىرىغا تارقالغان .

      نۆۋەتتە ، تېپىلغان ئالتۇن كان ياتمىسىدىن 52ى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 3ى،ئوتتۇرا تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 13ى،كېچىك تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 36سى بار.ئۇنىڭدىن سىرت،ئالتۇن كان (كانلاشقان)نۇقتىدىن 600گە يېقىنى بار. شىنجاڭنىڭ ئالتۇن قېزىش تارىخى ئۇزۇن ، ئالتاي تاغلىرى، شەرقىي ، غەربىي جۇڭغار رايونى ،قومۇل ئالتۇنلۇق رايونى ۋە خوتەن،چەرچەن ئەتراپلىرى تارىختىكى مۇھىم ئالتۇن قېزىش رايونلىرىدۇر.بولۇپمۇ يېقىنقى 10نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئالتۇن سانائىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى غوللۇق ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.199–يىلنىڭ ئاخىرىغىچە،ئالتۇن كانلارنىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى200توننىغايېقىن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە تاغ ئالتۇنىنىڭ زاپىسى تەخمىنەن 190توننىدىن ئارتۇقراق،كېپەك ئالتۇن تەخمىنەن 7توننا كېلىدۇ.ئۇنىڭدىن سىرت، ئېنىقلانغان باشقا كانلار بىلەن بىللە ھاسىل بولغان ئالتۇن زاپىسى 30نەچچە توننىغا بارىدۇ.ئالدىن مۆلچەرلەنگەن بايلىق مىقدارى 3922توننا كېلىدۇ.ھازىر ئېچىلىۋاتقان بىر تۈكۈم چوڭ–ئوتتۇراتىپتىكى مۇھىم كان ياتمىلىرىنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاشى ئالتۇن كېنى،خاتۇ ئالتۇن كېنى،دولانساي ئالتۇن كېنى، مامۇتەن ئالتۇن كېنى، توققۇز باي ئالتۇن كېنى، ئالتۇنلۇق ئالتۇن كېنى، ماجۇاڭشەن ئالتۇن كېنى قاتارلىقلار بار.يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بايلىق ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى بولغان كان ياتمىلىرى تېپىلماقتا ۋە باھالانماقتا.ئۇلار:ئىشغىل ئالتۇن كېنى، تاۋۇربەك ئالتۇن كېنى، كوجىنكولا ئالتۇن كېنى، سارقوبۇ ئالتۇن كېنى، دولانساي ئالتۇن كانىنىڭ 2–نومۇرلۇق كان ياتمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ