|
شىنجاڭنىڭ مىس كان بايلىقى بىر قەدەر مول ، كان ھاسىل بولۇش شارائىتى ياخشى ، كان ياتمىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش تىپلىرى بىر قەدەر تولۇق ، بولۇپمۇ يانار تاغ جىنىسلىرى ۋە يانار تاغ ماگما جىنىسلىرى تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كان ياتمىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى زور . شۇنىڭدەك ،نۇرغۇنلىغان كان ھاسىل بولغان بەلۋاغلارنىڭ ۋە ئىستىقباللىق رايونلارنىڭ دائىرىسى بېكىتىلدى.مىس رۇدىسى چىقىدىغان ئورۇندىن 500 نەچچىسى بايقالدى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ،چوڭ تىپلىق كان ياتمىسىدىن 10 ى ، كىچىك تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 14 ى ، كان نۇقتىسىدىن 36 سى بار ، يەنە نۇرغۇنلىغان مىس كانلىشىش نۇقتىلىرى ۋە گېئوخىمىيىلىك چارلاشتا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن رايونلار بار . تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان جۇغلانما زاپاس 3 مىليون 190 مىڭ توننا بولۇپ ، ھازىرقى زاپىسى 3 مىليون 160 مىڭ توننىغا بارىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشىلى چوڭ تىپتىكى مىس–سىنىك كانىنىڭ مىس رۇدىسى زاپىسى 920 مىڭ توننا ، ئوتتۇرىچە سورتى %2.43 بولۇپ ، مەملىكەت ئىچىدە كەم ئۇچىرايدىغان چوڭ تىپتىكى ھوسوللۇق مىس كېنى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ مۆلچەردىكى بايلىق مىقدارى 61مىليون 920 مىڭ توننا بولۇپ ، ئېنىقلانغان زاپىسى بايلىق ئومومىي مىقدارىنىڭ پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ . مىس كانلىرىنىڭ گېئولوگىيىلىك چارلاش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش ئىستىقبالى پارلاق ، يوشۇرۇن كۈچى زور . شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاشىلى مىس–سىنىك كان ياتمىسى ، قارا تۇڭكې مىس–نىكېل كانىنىڭ 2–باسقۇچلۇق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ، شەرقى شىنجاڭ خۇاڭشەن مىس –نىكېل كېنى ، ئىسسىق بۇلاق مىس كېنى ، تۇۋۇ مىس كېنى قاتارلىق كان رايونلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چارلاپ تەكشۈرۈلۈشى ۋە ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ يەنە بىر مىس رۇدىسى خام ئەشيا بازىسىغا ئايلانغۇسى.
|