باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
خرومىت كېنى
2008- 04- 10 18:46 تەڭرىتاغ تورى

    شىنجاڭدا بايقالغان خرومىت كانلىرىنىڭ ھەممىسى قەۋەتسىز ماگمىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە پەيدا بولغان كان ياتمىلىرىدۇر. ئاساسەن تولى ناھىيىسىنىڭ سارتوقاي دېگەن جايىدىن چىقىدۇ.قارامايدىن شىمالغا تەخمىنەن 50كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرى بايقىلىپ، چارلاش خىزمىتى 80–يىللاردا ئاخىرلاشقان. ئۇ ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسى گەۋدىسى ئىچىدە ھاسىل بولغان، كانلىق تاغ جىنىسلىرى كلىنوپروكسىنلىق گاببرو بولۇپ، 500 دىن كۆپرەك كان گەۋدىسى تېپىلغان. كان گەۋدىلىرى لىنزىسىمان ،يېسىمۇقسىمان ھالەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. كان گەۋدىسىنىڭ يانتۇلۇقى بىلەن تاغ جىنىس گەۋدىسىنىڭ يېتىشى ئاساسەن بىردەك،ئادەتتىكى كان گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8~70مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 1~8مېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى 3~45مېتىرغىچەكېلىدۇ. رۇدىسى ئۆز شەكىللىك، يېرىم ئۆز شەكىللىك رۇدىنى ئاساس قىلىدۇ، ئادەتتە يىرىك دانچىك،ئوتتۇرا–يىرىك دانچىك، ئۇيۇل كېلىد  ۇ.كاللەكسىمان–قويۇق كۈنجۈتسىمانلىرىنىڭ مىنرالى پىكوتىتنى ئاساس قىلىدۇ.ھازىرقى زاپاس 1مىليون 680مىڭ مىڭ توننا بولۇپ، يوقىرى ئاليۇمىنلىق، تۆۋەن خروملۇق كان ياتمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىلغىنىغا كۆپ يىللار بولدى. تولىنىڭ ساشۆنوخەي، كۆكتوقاينىڭ چىڭشۈي، چارقىلىقنىڭ يۇلغۇنلۇق جىلغىسى ھەم پىچاننىڭ كاۋا بۇلاق تېغى قاتارلىق جايلاردىنمۇ خرومىت كانلىرى تېپىلدى. شىنجاڭنىڭ خرومىت زاپىسى مەملىكەت بويىچە 2–ئورۇندا تۇرىدۇ.          

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ