باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
تۈز يەرلەرنىڭ يەر تىپى
2008- 04- 10 17:58 تەڭرىتاغ تورى

      قىيپاش دۆڭلۈكلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان . يەر شەكلى بىر قەدەر تۈز بولۇپ ، چوڭ دەريا دېلتىلىرى . قۇرۇق دېلتا ، دەريا جىلغىلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەر ، قەدىمكى تىندۇرما تۈزلەڭلىكلەر ۋە ئۇپرىغان تۈزلەڭلىكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى بويلاپ ھالقىسىمان جايلاشقان تۇپراق تىپى ئاساسەن قوڭۇر چۆل تۇپرىقى ، قاغجىراپ يېرىلغان تۇپراق ، كۇل رەڭ چىلان تۇپراق ، كالتسىيلىق قوڭۇر تۇپراق ، كۈل رەڭ چۆل تۇپرىقى ، قارا چىلان تۇپراق ، كاشتان تۇپراق ، شۇنىڭدەك شاخ - شۇمبىلىق نەم تۇپراق ، شور تۇپراق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن چۆللۈك بولۇپ ، پەقەت دەريابويى تۈزلەڭلىكلىرىگىلا بەلۋاغسىمان چۆل ئورمانلىرى جايلاشقان ، تىندۇرما تۈزلەڭلىكلەردە چۆللۈكلەشكەن چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بار . ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا ئوتلاق ياكى چۆل ئوتلىقى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى جايلاشقان . ئالتاي رايونىغا چۆل ئوتلىقى ۋە چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى جايلاشقان . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شورغا چىداملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كەڭ كۆلەمدە جايلاشقان . تۈز يەرلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك يەر تىپلىرىدىن ئاساسلىقى : چىملىق تۈز يەرلەر ، ئوتلاق تۈز يەرلەر ، چۆل ئوتلىقى تۈز يەرلىرى ، چۆل تۈز يەرلەر ، شورلۇق تۈز يەرلەردىن ئىبارەت . تۈز يەر تىپلىرى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق بوستانلىقلىرى جايلاشقان رايونلاردۇر .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ