باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
قىيپاش دۆڭلۈكلەرنىڭ يەر تىپى
2008- 04- 10 17:52 تەڭرىتاغ تورى

      قىيپاش دۆڭلۈكلەرنىڭ يەر تىپى تاغلارنىڭ ئالدىدىكى كەلكۈن چۆكۈندى ۋە ئېقىن چۆكۇندى يانتۇ تۈزلەڭلىك قىسمىنى كۆرسىتىدۇ ، بۇلار ئاساسەن : بىرىنچى ، ئالتاي تېغىغا ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان ، تۇپرىقى ئادەتتە كاشتان تۇپراق ، كۈلرەڭ قوڭۇر چۆل تۇپرىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن چۆل ئوتلىقى ياكى چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئىبارەت . ئىككىنچى ، غۇلجا ، چۆچەك قاتارلىق تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقلارغا جايلاشقان ، تۇپرىقى قارا چىلان تۇپراق ، كاشتان تۇپراق ، كۈل رەڭ چىلان تۇپراقلاردىن ئىبارەت . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چۆل ئوتلىقى ياكى ئوتلاقتۇر . ئۈچىنچى ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە ، كوئىنلۇن ۋە ئالتۇن تاغلىرىنىڭ تاغ ئالدىغا جايلاشقان ، تۇپرىقى قوڭۇر چۆل تۇپرىقىنى ئاساس قىلىدۇ . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئىبارەت .قىيپاش دۆڭلۈكلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك يەر تىپلىرىدىن : ئوتلاق قىيپاش دۆڭ يەرلىرى ، چۆل ئوتلىقى قىيپاش دۆڭ يەرلىرى ، چۆل قىيپاش دۆڭ يەرلىرى قاتارلىقلار بار . يەر ئىشلىتىشتە بۇلار ئاساسەن ئەتىياز - كۈزلۈك ئوتلاق ۋە چارۋىچىلىق فېرمىسى قىلىنىدۇ ، بىر قىسمى سۈنئىي بوستانلىق قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلدى .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ