|
پەس تاغ ئېدىرلىق يەر تىپى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا يەنى : بىرىنچى ، ئالتاي تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 750( 1000) - 1400(1500) مېتىرغىچە ئېگىز جايلىرى ئارىلىققا جايلاشقان ، تۇپراق تىپى كاشتان تۇپراق ، قارا چىلان تۇپراق ۋە كالتسىيلىق قوڭۇر تۇپراق قاتارلىقلار ؛ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن چۆل ئوتلىقى ، ئوتلاقتىن ئىبارەت . ئىككىنچى ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن شىمالىي ئېتىكىنىڭ پەرقى بىر قەدەر چوڭ ، شىمالىي ئېتىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 1200-600 مېتىر ، جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن -1000 1800 مېتىر ئېگىز جايلىرىغا جايلاشقان . ئاساسلىق تۇپراق تىپلىرىدىن بوز چۆل تۇپرىقى ، قوڭۇر چۆل تۇپرىقى ۋە كالتسىيلىق قوڭۇر تۇپراق قاتارلىقلار بار . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن جەنۇبىي ئېتەكتە چۆل ۋە چۆل ئوتلىقى ، شىمالىي ئېتەكتە چۆل ئوتلىقى ۋە ئوتلاقلار بار . ئۈچىنچى ، كوئىنلۇن ، ئالتۇن تاغلىرىدا : دېڭىز يۈزىدىن2000-1309 مېتىر ئارىلىقىدىكى جايلارغا جايلاشقان ، تۇپرىقى قوڭۇر چۆل توپىسىنى ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكى چۆللۈكنى ئاساس قىلىدۇ . پەس تاغ ئېدىرلىقىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلىرىدىن ئوتلاق پەس تاغ ئېدىرلىقى ، چۆل ئوتلىقى پەس تاغ ئېدىرلىقى ، چۆل پەس تاغ ئېدىرلىقلىرى بار . پەس تاغ ئېدىرلىقلىرى ئاساسەن ئەتىيازلىق - كۈزلۈك يايلاقلار ۋە قىشلىق يايلاقلار جايلاشقان رايونلاردۇر . پەس تاغ ئېدىرلىقلىرى يەرلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىشتىن تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلىشقا ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى بەلۋاغدۇر .
|