|
ئوتتۇرا تاغ يەر تىپى ئاساسەن ئوتتۇرا تاغ بەلۋېغىنىڭ ئورمان سىزىقى ياكى ئورمانسىز يەرلەرگە جايلاشقان . بىرىنچى ،ئالتاي تېغىدا : تۆۋەن چەكتىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400( 1500) مېتىر ئەتراپىدا ، تۇپراق تىپلىرىدىن ئاساسلىقلىرى قارا چىلان تۇپراق ، بوز قوڭۇر تۇپراق ، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ؛ يېپىنچا ئۆسۈملۈكى ئاساسەن ئورمان ئوتلىقى . ئىككىنچى ، تەڭرىتاغدا : شىمالىي ئېتىكىنىڭ تۆۋەن چەكتىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700( 1800) مېتىر ، تۇپرىقى ئاساسەن قارا چىلان تۇپراق ، بوز قارا تۇپراق ، قوڭۇر چىلان تۇپراق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئوتلاق ، ئورمان ئوتلاقلىرى بار ؛ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ تۆۋەن چەكتىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2500(2700) مېتىر ، تۇپرىقى قوڭۇر چىلان تۇپراق ، قارامتۇل تۇپراق ، بوزقارا تۇپراقلارنى ئاساس قىلىدۇ ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چۆل ئوتلىقى ، ئوتلاق ۋە ئورمان ئوتلىقىدىن ئىبارەت . ئۈچىنچى ، كوئىنلۇن تېغى ( پامىر ئېگىزلىكى) ۋە ئالتۇن تاغلىرىدا : تۆۋەن چەكتىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000(3500) مېتىر ئەتراپىدا ، تۇپراق تىپلىرىدىن ئاساسەن قارامتۇل تۇپراق ، قارامتۇل چۆل تۇپرىقى قاتارلىقلار بار . كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي بۆلىكىنىڭ يېپىنچا ئ ئۆسۈملۈكلىرى چۆل ئوتلىقى ، ئوتلاق ( پارچە - پۇرات ئورمان ئوتلاقلىرىدىن) ؛ شەرق بۆلىكىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بولسا چۆل ، چۆل ئوتلىقى ، ئوتلاق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئورتا تاغ يېرىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلىرىدىن ئورمان ئوتلاقلىق ئوتتۇرا تاغ ، ئوتلاقلىق ئوتتۇرا تاغ ، چۆل ئوتلىقىلىق ئوتتۇرا تاغ ، چۆللۈك ئوتتۇرا تاغ قاتارلىقلار بار . ئوتتۇرا تاغ بەلۋېغىنىڭ ئورمانلىرى قويۇق ، ھاۋاسى مۇۋاپىق . بۇ يەر تاغلىق رايون ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغان سورۇنى بولۇپ ، كۆپىنچە قىشلىق يايلاق قىلىنىدۇ ، شۇنداقلا پەس تاغدىكى ئەتىيازلىق - كۈزلۈك يايلاقتىن يازلىق يايلاققا يۆتكىلىشتىكى ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك چارۋىچىلىق يەر تىپى ھېسابلىنىدۇ .
|