|

ئېگىز تاغ يەر تىپى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا جايلاشقان : بىرىنچى ، ئالتاي تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2400–2100 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە كېلىدىغان جايلىرى ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، تۇپراق تىپلىرى تۇندىرا سېغىز تۇپراق ، ئېگىز تاغ سېغىز تۇپرىقى ، ئېگىز تاغ قارا تۇپرىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئېگىز تاغ تاغ چىملىقى بىلەن ئوتلاق چىملىقىنى ئاساس قىلىدۇ . ئىككىنچى ، تەڭرىتاغ ۋە جۇڭغارنىڭ غەربىدىكى تاغلىق يەرلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 1800– 2000 مېتىردىن ئېگىز رايونلىرى ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 2500– 2700مېتىردىن ئېگىز رايونلار ، بۇ رايونلارنىڭ تۇپراق تىپى ئاساسەن ئېگىز تاغ قارا توپىسى ، تۇندىرا سېغىز توپىسى ، ئېگىز تاغ سېغىز توپىسى ۋە ئېگىز تاغ كالتسىيلىق توپىسىدىن ئىبارەت . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چىملىقلارنى ئاساس قىلىدۇ ، جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن شەرقى بۆلىكىدە چىملىق ، چىملىقلاشقان ئوتلاق ياكى ئوتلاقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۈچىنچى ، پامىر ئېگىزلىكى – قارا قۇرۇم – كوئىنلۇن – ئالتۇنتاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3500(4300) ~5000(5300) مېتىر ئېگىز جايلىرى ئارىلىقلىرى بولۇپ ، كىلىماتى سوغۇق – قۇرغاق ، تۇپرىقى بىر قەدەر يىرىك ، ئاساسەن تۇندىرا توپىسى ، سوغۇق چۆل توپىسىدىن ئىبارەت . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئېگىز تاغ ياتما ھالەتتىكى چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساس قىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاز قىسىم ئوتلاق ( چىملىقلاشقان ئوتلاق ) يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىمۇ بار . ئېگىز تاغ يېرىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلىرىدىن چىملىق ئېگىز تاغ ، چۆل تاغ ، چىملىقلاشقان ئوتلاق كەنجى تاغلىق ، ئوتلاق تاغلىقلار بار . ئېگىز تاغ يەر تىپى تاغلىق رايون چارۋىچىلىقىنىڭ ئاساسلىق يازلىق يايلىقىدۇر .
|