باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
بۆرە بورسۇق
2008- 04- 08 19:11 تەڭرىتاغ تورى

     دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ .

     باشقا ئاتىلىشى :ئېيىقسىمان بۇلغۇن ، بۇلغۇن ئېيىق .

     كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنى : گۆشخورلار ئەترىتى ، ئاغمىخانلار ئائىلىسى

      مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: بۆرە بورسۇق ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ ، چوڭلۇقى ئادەتتە تۈلكىچىلىك كېلىدۇ . تېنى چوڭ ، بېشى يوغان ، قۇلىقى كىچىك ، پۇتلىرى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرىدىن يوغان ھەم توم كېلىدۇ . پۇتىدا بەش بارمىقى بولۇپ ، بەش بارمىقىدا ناھايىتى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ . قۇيرۇقى نىسبەتەن قىسقا ، لېكىن قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ .

      يېتىلگەنلىرىنىڭ تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 13–15 كىلوگرام ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70–90 سانتىمېتىر ، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 30–40 سانتىمېتىر ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى15–20 سانتىمېتىر بولۇپ ، قۇلىقى ياپىلاق ، قىسقا بولىدۇ . چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر . تاپىنى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا قېلىن بولىدۇ . تەن تۈكلىرى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ ، تىۋىتلىرى كۈل رەڭگە مايىل بولىدۇ . دۈمبىسىنىڭ رەڭگى قېنىقراق ، كۆكرەك قىسمىدا ئاق داغلار بولىدۇ . ئادەتتە چىشىلىرى ئەركىكىدىن كىچىكرەك بولىدۇ . دۈمبىسىدە بېشىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە ئۇزۇن سوزۇلغان كۈل رەڭ يول سىزىقچىسى بولىدۇ . تەن تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ ، بولۇپمۇ كەينى ئىككى پۇتىنىڭ تۈكلىرى ۋە يان تۈكلىرى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ . باش قىسمىنىڭ تۈكلىرى قىسقا بولىدۇ .

      بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: بۆرە بورسۇق سوغۇق بەلۋاغ ۋە سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلىرىدا ياشايدىغان ھايۋاندۇر . ئۇنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى پەقەت ئورمانلىقلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن ، بەلكى تاغلاردىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ . ئۇ ئادەتتە تاغدىكى تاش كامارلىرى ، تاش دۆۋىلىرى ئىچىدىكى بوشلۇق ، دەرەخ غولىدىكى ۋە دەرەخ يىلتىزىدىكى كامارلاردا پاناھلىنىدۇ . ئالاھىدە ئەھۋالدا تۈلكە ، بورسۇق ، سۇغۇرلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى تارتىۋالىدۇ . ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ ، سۈت ئەمگۈچىلەر ، قۇشلار ، قوش ماكانلىقلار ، بېلىقلار ، ياۋا ئۆسۈملۈك مېۋىلىرى ، ھەتتا بىر قىسىم ھاشاراتلار ۋە تاپلار بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ . ئۇنىڭ پۇراش سەزگۈسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، بەزىدە ئوۋچىلار تىقىپ قويغان ئوزۇقلۇقلارنى تېپىۋېلىپ يەپ قېچىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ . ئۇ ئوۋچىلار قۇرغان قاپقانغا ئاسانلىقچە چۈشمەيدۇ ، لېكىن قاپقانغا قىستۇرۇلغان يەمچۈكنى ناھايىتى ئاسانلا ئوغرىلاپ يەپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوۋچىلار ئۇنى ياۋايى ھايۋانلار ئىچىدىكى ‹‹ئوغرى›› دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇ ئاساسەن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ . ئۇ بىرقانچە سائەت ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن بىخەتەر بىر جاينى تېپىپ ئارام ئالىدۇ ، ئاندىن يەنە ھەرىكەت قىلىدۇ . ئۇ ئاساسەن كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ، لېكىن بەزىدە كۈندۈزدىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ ، بولۇپمۇ ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى ھەرىكەت قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ . بۇ ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن . بەزى چاغلاردا ئۈچەككە كىرىدۇ . بۆرە بورسۇق دەرەخقە يامىشالايدۇ ، سۇمۇ ئۈزەلەيدۇ . مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى ، ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولىدۇ .

      بۆرە بورسۇقمۇ ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئانوس تۆشۈكىدىن سېسىق پۇراق تارقىتىدىغان بولۇپ ، كۈشەندىلىرىگە يولۇققاندا بىر خىل سېسىق پۇراق چىقىرىش ئارقىلىق كۈشەندىلىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيدۇ . ئۇ ئادەتتە 10–، 11– ئايلاردا كۈيلەپ چېتىشىدۇ . بوغاز مەزگىلى تۆت ئاي ئەتراپىدا بولۇپ ، ئىككىنچى يىلى 2– ، 4– ئايلاردا تۇغىدۇ . ئۇ يىلدا بىر قېتىم ، ھەر قېتىمدا 2–5 كېچە ، كۆپىنچە 2–3 نى تۇغىدۇ . بالىلىرىنى چىشىسى باقىدۇ ، بالا بېقىش ۋاقتى ئادەتتە ئۇچ ئاي ئەتراپىدا بولۇپ ، تۆت ئايلىق بولغاندا بالىلىرى ئاساسەن يېتىلگەنلىرى بىلەن تەڭ بولۇپ قالىدۇ . ئۈچ ياشلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ . بۆرە بورسۇق ئادەتتە 15 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ .

      جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى : بۆرە بورسۇق ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئالتاي تاغلىرىغا تارقالغان . دۆلىتىمىز ئىچىدە خېيلۇڭجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل تاغلىرىغا تارقالغان . چەت ئەللەردە ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىغا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا تارقالغان بولۇپ ، خاسلا بىر تۈردىن ئىبارەت ، كەنجى تۇر دەپ ئايرىلمايدۇ .

      ئىقتىسادىي قىممىتى : بۆرە بورسۇقنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ، ئاساسەن ئۇنىڭ تېرىسى ماتېرىيال قىلىنىدۇ ، لېكىن سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ . ئۇ غاجىلىغۇچىلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان بولغاچقا ، ئورمانلارنى غاجىلىغۇچىلاردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ