باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
قارا بۇلغۇن
2008- 04- 08 17:07 تەڭرىتاغ تورى

 

    دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ .

    باشقا ئاتىلىشى : قىزىل بۇلغۇن .

     كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنى : گۆشخورلار ئەترىتى ، ئاغمىخانلار ئائىلىسى.

     مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ ، ئەركىكى چىشىسىدىن چوڭ بولىدۇ . تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 530–1050 گرام ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30–50 سانتىمېتىر ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12–16 سانتىمېتىر بولىدۇ . قۇلىقى چوڭ بولۇپ ، ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ . قۇيرۇقى نىسبەتەن قىسقا بولۇپ ، تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 3/1 ىگە توغرا كېلىدۇ . قۇيرۇق تۈكلىرى كۆپۈپ تۇرىدۇ . پۇتلىرى قىسقا ، ئەمما كۈچلۈك ، بارمىقى بەش بولۇپ ، ھەربىر بارمىقىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ ، قىش پەسلىدە بارماقلىرىنى تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ . بەدەن تۈكلىرى قويۇق ، تىۋىتلىرى قېلىن بولىدۇ . پۈتۈن تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ . باش قىسمىنىڭ رەڭگى سەل سۇس بولۇپ ، كۈل رەڭگە مايىل كېلىدۇ . بوغۇز قىسمىدا سېرىق ياكى سۇس سېرىق ئالىسى بولىدۇ . بەزىلىرىدە بۇ داغلار ئانچە روشەن بولمايدۇ .

    بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: قارا بۇلغۇن سوغۇق بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقى ياكى ئارىلاش ئورمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياشايدۇ . ئىپتىدائىي ئورمانلىقلاردا كۆپرەك بولىدۇ . ئۇ ئۇۋىسىنى دېڭىز يۈزىدىن 1000– 2200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كىلىماتى سوغۇق ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول بولغان قىيا تاشلىق جايلاردىكى تاش كامارلىرىغا ، دەرەخ كاۋاكلىرىغا ياكى دەرەخ يىلتىزى ئاستىدىكى تۆشۈكلەرگە ياسايدۇ . ئۇۋىسىدا ياتىدىغان ئورنى بىلەن تەرەت قىلىدىغان ئورنى ئايرىم بولىدۇ . بۇلغۇننىڭ ئەركىكى بالا باقمايدۇ . بەزىدە بۇلغۇن بالىلىرى ئەركەك بۇلغۇنلارغا ئۇچراپ قالسا يەۋېتىدۇ . بۇلغۇن ئۇۋىسىدا زاپاس ئوزۇقلۇق ساقلاش ئىسكىلاتى بولىدۇ . بۇلغۇن ئۇۋىسىغا ئوت – چۆپ ، يۇڭ – تۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى يېيىتىدۇ . بۇلغۇن پەقەت تۇغۇش مەزگىلىدە مۇقىم ئۇۋا ياسايدۇ ، ئادەتتە مۇقىم ئۇۋىسى بولمايدۇ . ئۇ جۈپلىشىش مەزگىلىدىن باشقا چاغلاردا يالغۇز يۈرىدۇ . گۇگۇم ۋاقتىدا ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىق بولىدۇ . دەرەخقە يامىشىشقا ناھايىتى ماھىر بولۇپ ، رەقىبلىرىگە يولۇققاندا دەرەخلەرگە چىقىۋالىدۇ . ئۇنىڭ پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، پۇراش سەزگۈسىگە تايىنىپ ئوزۇقلۇق تاپىدۇ .

    قارا بۇلغۇن ئاساسەن كىچىك تىپتىكى غاجىلىغۇچىلارنى ئوزۇق قىلىدۇ ، يەنى چاشقاننى كۆپرەك ئوزۇقلۇق قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا تىيىن ، توشقان ، بىر قىسىم قۇشلار ، بېلىقلارنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ . قۇش تۇخۇملىرى ، قارىغاي ئۇرۇقى ، شىرنىلىك مېۋىلەرنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ . قارا بۇلغۇن ئادەتتە 16–20 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ .

    قارا بۇلغۇن يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ . ئۇ 6– ، 8– ئايلاردا چېتىشىپ بوغاز بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى 3 – ، 5– ئايلاردا تۇغىدۇ . ئۇ ئادەتتە بىر قېتىمدا 2–8 گىچە تۇغىدۇ . بالىلىرى تۇغۇلۇپ 35– 40 كۈنلۈك بولغاندا كۆزىنى ئاچىدۇ . بالىلىرى تەخمىنەن 50 كۈندە سۈتتىن ئايرىلىدۇ . ئۈچ يېرىم ياشتا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ . 3– ، 4– ئايلاردا قىشلىق يۇڭىنى تاشلاپ يازلىق يۇڭغا ئالماشتۇرىدۇ ، 9– ئايدا يازلىق يۇڭىنى تاشلاپ قىشلىق يۇڭغا ئالماشتۇرىدۇ .

    قارا بۇلغۇننىڭ تەبىئىي كۈشەندىلىرى سۈلەيسۈن ، بۆرە ، مۈشۈكياپىلاق ، بۈركۈت ، لاچىن ، قارچىغا قاتارلىقلاردۇر .

    جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى : ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسەن ئالتاي تاغلىق رايونىغا تارقالغان . دۆلىتىمىز ئىچىدە چوڭ – كىچىك ھىنگان تاغلىرى ۋە چاڭبەيشەنگە تارقالغان . چەت ئەللەردىن چاۋشيەن ، رۇسىيە ، بېلورۇسىيە ، قازاقىستان ۋە تاشقى موڭغۇلىيىگە تارقالغان . ئاپتونوم رايونىمىزغا تارقالغىنى ئۇنىڭ شىنجاڭ كەنجى تۈرىدۇر .قارا بۇلغۇننىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدە تۆت كەنجى تۈرى بار ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پەقەت بىرلا كەنجى تۈرى بار .

    ئىقتىسادىي قىممىتى : قارا بۇلغۇن ئاساسلىقى تېرىسى بىلەن دۇنياغا داڭلىق . ئۇنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن باش كىيىملەر دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ ئاساسلىقى چاشقانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان بولغاچقا ، ئورمانلارنى چاشقان ئاپىتىدىن قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ