باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
سۆسەر
2008- 04- 07 18:46 تەڭرىتاغ تورى

 

    دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ .

    باشقا ئاتىلىشى : تاغ بۇلغۇنى .

    كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنى : گۆشخورلار ئەترىتى ، ئاغمىخانلار ئائىلىسى .

     مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى:تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ ، 10– 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ . قۇيرۇقى ئۇزۇن بولۇپ ،25–30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ . ئادەتتە قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ . تەن ئېغىرلىقى 1500 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ . پۇتلىرى قىسقا ھەم ئىنچىكە ، پۇتىدا قىسقا بەش بارمىقى ، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى تار ياغاق پەردىلىرى بولىدۇ . قۇلىقى يۇمىلاق بولىدۇ . تىرناقلىرى ئىنچىكە ، ناھايىتى ئۆتكۈر بولىدۇ . بارماقلىرى تۈكلۈك ، بېشى ئۈچبۇرجەكسىمان ، ئۇزۇن قۇيرۇقى پاخپايغان ھالەتتە بولىدۇ .

     تەن تۈكلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە ، تىۋىتلىرى ئاق بولىدۇ. باش قىسمى سۇس كۈل رەڭ قوڭۇر بولۇپ ، قۇلىقىنىڭ چۆرىسى ئاق بولىدۇ . پۇتلىرىنىڭ ئالدى قىسمىدىكى تۈكلىرى قېنىق بولىدۇ . بوغۇز قىسمىدا ناھايىتى روشەن يوغان ئاق داغ بولىدۇ . بۇ ئاق داغ كۆكرەك قىسمىغا ئۇزىراپ تۆش قىسمىغا كەلگەندە ،ياي شەكىللىك بولۇپ قالىدۇ . تېنىنىڭ كىچىك بولۇشى ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى بىلەن قارا بۇلغۇندىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . لېكىن ، باش سۆڭىكى قارا بۇلغۇننىڭ باش سۆڭىكىدىن چوڭ بولىدۇ . چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ ، غاجىلاشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ .

     بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: سۆسەر ئادەتتە تەبىئىي تاش كامارلارنى ئۇۋا قىلىدۇ ، ئاساسلىقى ئورمان ئەتراپىدىكى تاشلىق ئوتلاقلاردا ياشايدۇ . ئېگىز – پەس تۆپىلىكلەرنى ياخشى كۆرۈدۇ . ئۇنىڭ ئۇۋىسى تۇراقلىق بولمايدۇ . كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ، كۈندۈزى ئاساسەن ئۇۋىسىدىن چىقمايدۇ . كۆپىيىش مەزگىلىدىن باشقا چاغلاردا ئاساسەن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ . ھەرىكەت قىلغاندا ، ئۇنىڭ پاخپايغان قۇيرۇقى يەرنى سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا ، بەزىلەر ئۇنى ‹‹سۈپۈرگە قۇيرۇق››دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇ ناھايىتى ۋەھشىي ھەم چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغاچقا ، ئۆزىدىن بىرقانچە ھەسسە چوڭ ھايۋاننىمۇ چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ . ھەرىكىتى ناھايىتى چاققان بولۇپ ، يامىشىشقا ماھىر كېلىدۇ .

     سۆسەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى كۆپ خىل بولۇپ ، چاشقانلار ، كىچىك تىپتىكى قۇشلار ، ياۋا توشقان ، قوش ماكانلىقلار ، قۇش تۇخۇملىرى ۋە بىر قىسىم ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ . بەزىدە ئۆي قۇشلىرىغىمۇ تەھدىت سالىدۇ . ئۇ 7 – ئايدا جۈپلىشىشكە باشلاپ 8– ئايدا ئاخىرلاشتۇرىدۇ . يىلدا بىر قېتىم ، ھەر قېتىمدا3 – 5 كېچە ، بەزى چاغلاردا 3–9 غىچە تۇغىدۇ . ئۇنىڭ بوغاز ۋاقتى 8–9 ئاي بولۇپ ، بوغاز بولۇپ ئىككىنچى يىلى 2– ، 3– ئايلاردا تۇغىدۇ . تۇغۇلغان بالىسى قارامتۇل بولۇپ ، خۇددى كىچىك چاشقانغا ئوخشايدۇ .

     سۆسەر يىلدا بىر نۆۋەت تۈك تاشلايدۇ . تۈك تاشلاش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ ، 4– ئايدىن باشلاپ 9– ئايغىچە كونا تۈكلىرىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ . ئۇنىڭ تۈك تاشلاش رەت تەرتىپى بولۇپ ، بېشى ، دۈمبىسى ، قۇيرۇقى ، تېنىنىڭ ئىككى يېنى ، تۆت پۇتى ، قورساق قىسمى ، تۇمشۇقى بويىچە بولىدۇ . سۆسەرنىڭ پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان ، تۇمشۇقىدا بۇرۇتچىلىرى بولىدۇ .

    جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى: دۆلىتىمىزدە ئىككى كەنجى تۈرى بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىگە بىر كەنجى تۈرى تارقالغان ، ئۇ شىنجاڭ كەنجى تۈرى دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئالتاي تېغى ، تەڭرىتېغى ، تارباغاتاي تېغى ۋە كوئىنلۇن تېغىغا تارقالغان . ئىچكى ئۆلكىلەردىن شەنشى ، نىڭشيا ، چىڭخەي ، سەنشى ، ئىچكى موڭغۇل ، خېبېي ، سىچۈەن ، يۈننەن ، لياۋنىڭ ، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان . چەت ئەللەردە ياۋروپا ، ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان .

    ئىقتىسادىي قىممىتى: سۆسەر تېرىسى ناھايىتى ئەتىۋارلىق بولۇپ ، ئەلا سۈپەتلىك تېرىلەرگە كىرىدۇ . ئۇنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن باش كىيىم ، چاپان ، پەلتو ، ياقىلىقلار داڭلىق بولۇپ ، ناھايىتى قىممەت باھادا سېتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇ چاشقان قاتارلىق بىر قىسىم غاجىلىغۇچىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا ، دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، ئوتلاقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ، چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولغاچقا ، ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلىپ كۆرگەزمە قىلىنىپ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ . ئۇنى قولدا بېقىپ كۆپەيتىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ