|

دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ .
باشقا ئاتىلىشى : ئاتباش ئېيىق ، ئېيىق ، تىبەت ئېيىقى .
كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنى : گۆشخورلار ئەترىتى ، ئېيىق ئائىلىسى .
مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان ، ئەمما قوڭۇر ئېيىقتىن سەل كىچىك ، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.3 مېتىر ئەتراپىدا ، تەن ئېغىرلىقى 150–170 كىلوگرام كېلىدۇ . مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى روشەن ، ئالدى پۇتى كەينى پۇتىدىن ئۇزۇن ، قۇيرۇقى ئىنتايىن قىسقا ، پۇتلىرى قوڭۇر ئېيىقنىڭكىدىن توم ۋە قىسقىراق بولىدۇ . پۇتىدا بەش بارمىقى ، ھەربىر بارمىقىدا تۈز ھالەتتىكى ئاقۇچ تىرناقلىرى بولىدۇ . پۈتۈن تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى سېرىق بىلەن قارا ئارىلاشقان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ . بېشى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ . قۇلىقى ئەتراپىدىكى تۈكلىرى سەل ئۇزۇن بولۇپ ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ . كۆكرىكىدە يوغان ئاق بەلۋاغسىمان تۈكلىرى بولىدۇ . بۇ بەلۋاغسىمان تۈكلىرى مۈرىسىگىچە سوزۇلغان بولۇپ ، خۇددى بىر ئاق چەمبىرەك ئېسىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ . ئالا ئېيىق قوڭۇر ئېيىقنىڭ قېرىنداش تۈرى ، شۇنداقلا قوڭۇر ئېيىقنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئېگىز تاغنىڭ سوغۇق ھاۋا كىلىماتىغا ماسلاشقان بىر تۈرىدۇر . ئۇنىڭ قوڭۇر ئېيىق بىلەن بولغان روشەن پەرقى تېنى كىچىك ، تىرنىقى قىسقا ، تۈز ھەم ئاقۇچ ، بوينىدا چوڭ ئاق ئالىسى بولىدۇ . ئالا ئېيىققا 1854– يىلى نام بېرىلگەن بولۇپ ، بەزى زوئولوگلار ئۇنى قوڭۇر ئېيىقنىڭ بىر كەنجى تۈرى دەپ قارايدۇ .
بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: ئالا ئېيىق ئېگىز تاغلىق يايلاقلاردا ، سوغۇق ئوتلاقلاردا ، يېرىم چۆل ئوتلاقلىرىدا ياشايدۇ . ئادەتتە ئورمانلىق ئىچىگە كىرمەيدۇ . ياشاش مۇھىتىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3500– 5500 مېتىر بولىدۇ . ئادەتتە يالغۇز ھەرىكەت .قىلىدۇ . ‹‹ئانا›› ئېيىق بالىلىرى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ .ئۇلار ئاساسەن كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ . ئاڭلاش ، كۆرۈش سەزگۈسى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ، لېكىن پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، دالىدا پۇراش سەزگۈسىگە تايىنىپ نىشاننى تاپىدۇ . ئۇ ئادەم ھىدىنى ناھايىتى ئاسان سېزىۋالىدۇ ھەم ئادەم ھىدىنى پۇرىغان ھامان ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ . بەزى ئالاھىدە ئەھۋالدا ئادەمگىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ . ئالا ئېيىقنىڭمۇ قوڭۇر ئېيىققا ئوخشاش ھەر يىلى ئۈچەككە كىرىدىغان ئادىتى بولۇپ ، 10– ئاينىڭ ئاخىرى 11– ئاينىڭ باشلىرى ئۈچەككە كىرىپ ئىككىنچى يىلى 3– ، 4– ئايلاردا ئۈچەكتىن ئويغىنىدۇ . ئۇ ئاساسلىقى ئېگىز تاغ توشقانباش چاشقىنى ۋە سۇغۇر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بالىلىرى ، ئاجىز ، قېرى ، كېسەللىرى ، بىر قىسىم قۇشلار ، قوش ماكانلىقلار ، بېلىقلار ۋە ئوت – چۆپلەر بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ .ئۇ ئادەتتە ئىككى يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ . ھەر يىلى –5 7– ر ئايلاردا چېتىشىدۇ . بۇ چاغلاردا چىشىسى بىلەن ئەركىكى بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ . چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىلىپ يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ . بوغاز ۋاقتى 6– 7 ئاي بولۇپ ، كۆپىنچە قىشلىق ئۇۋىسىدا تۇغىدۇ . ھەر قېتىمدا 1– 2 نى تۇغىدۇ . بالىلىرىنى ‹‹ئانا›› ئېيىق باقىدۇ . ئۇ ئۈچەكتىن چىققاندا ناھايىتى ئېچىرقاپ كەتكەچكە ۋەھشىيلىشىپ كېتىدۇ .
جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى: ئالا ئېيىق يالغۇز بىرلا تۈر بولۇپ ، كەنجە تۈر دەپ ئايرىلمايدۇ . ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كوئىنلۇن تېغىغا تارقالغان . ئىچكى ئۆلكىلەردىن چىڭخەي ، شىزاڭ ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىر قىسىم تاغلىرىغا تارقالغان . چەت ئەللەردە ياۋروپا ، ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان .
ئىقتىسادىي قىممىتى: ئالا ئېيىق دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە يەرلىك تۈرى بولۇپ ، ئېگىز تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېگىز تاغ ھايۋانلىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . باشقا جەھەتلىرى قوڭۇر ئېيىقنىڭكىگە ئوخشاش.
|