باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
قوڭۇر ئېيىق
2008- 04- 03 17:58 تەڭرىتاغ تورى

دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ .

باشقا ئاتىلىشى : ئادەم ئېيىق ، ئېيىق ، كۈل رەڭ ئېيىق .

كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنى : گۆشخورلار ئەترىتى ، ئېيىق ئائىلىسى .

     مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ ھايۋان بولۇپ ، تەن ئۇزۇنلۇقى 1.6–2 مېتىر ، ئېگىزلىكى 1 مېتىر ئەتراپىدا ، تەن ئېغىرلىقى 200- 300 كىلوگرام كېلىدۇ . ئۆرە تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن ئېشىپ كېتىدۇ . بېشى دۈگىلەك ھەم ياپىلاق بولۇپ ، تېنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كىچىكرەك . تۇمشۇقى ئۇزۇن ، مۈرىسى سەل چوقچىيىپ چىققان ، قۇلىقى كىچىك بولۇپ ، تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ . ئادەتتە ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىدىن ئۇزۇن بولغاچقا ، ئالدى تەرىپى ئېگىز ، ئارقا تەرىپى پەس كۆرۈنىدۇ . پۇتلىرى توم ھەم يوغان بولۇپ ، ناھايىتى كۈچلۈك . ھەربىر پۇتىدا بەش بارمىقى ، ھەربىر بارمىقىدا سەل ئىلمەكلەشكەن ناھايىتى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ ، تىرناقلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ . تاپىنى قېلىن گۆشلەشكەن بولىدۇ . ئالدى ئىككى پۇتىنىڭ تىرناقلىرى ئارقا ئىككى پۇتىنىڭ تىرناقلىرىدىن ئۇزۇن ، مەزمۇت بولىدۇ . قوڭۇر ئېيىقنىڭ پۈتۈن بەدىنى قوڭۇر رەڭدە ، باش قىسمىمۇ قوڭۇر رەڭدە ، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى تېنىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ رەڭگىدىن سۇسراق بولىدۇ . پۇتلىرىنىڭ تۈكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ . يېتىلگەنلىرىنىڭ كۆكرىكىدە ئاق يول - يول سىزىقچىلار بولمايدۇ . بويۇن ئاستى قىسمىنىڭ تۈكلىرى باشقا قىسىملىرىنىڭ تۈكلىرىدىن سەل ئۇزۇن بولىدۇ .

       بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: قوڭۇر ئېيىق ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 700-4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورمانلىق ، تاغلىق ، يايلاقلاردا ياشايدۇ ، بولۇپمۇ ئارىلاش ئورمانلىقلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنىڭ ئۈچەككە كىرىش (قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىش) ئادىتى بولۇپ ، 0ا - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈچەككە كىرىپ كېيىنكى يىلى باش باھاردا ئۈچەكتىن ئويغىنىدۇ . ئۇ ئۈچەكتىن ئويغانغاندا دەسلەپتە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇ سەل ئاجىز بولۇپ ، ئاساسەن ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ ، كېيىن ئاستا - ئاستا كېچىسى ۋە سەھەردە ھەرىكەت قىلىپ كۈندۈزى دەم ئالىدۇ . ئۈچەككە كىرگەندە ئۇۋىسىغا قۇرۇق ئوت - چۆپلەرنى يېيىتىدۇ . ئادەتتە ئۈچەككە كىرگەندە ئەركىكى ئايرىم ئۇۋىغا ، چىشىسى بىلەن بالىلىرى بىر ئۇۋىغا كىرىدۇ . ئۈچەكتە ئاساسەن بىھوش ھالەتتە ئۇخلايدۇ . بۇ مەزگىلدە ، ئوزۇقلانمايدىغان بولغاچقا ، ئۆز تېنىدىكى ئېنېرگىيىنى سەرپ قىلىدىغىنى ئۈچۈن ئۈچەكتىن ئويغانغاندا ئورۇق ھەم ئاجىز بولىدۇ ، شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە ناھايىتى ياۋۇزلىشىپ كېتىدۇ . قوڭۇر ئېيىقنىڭ ئوزۇقلىنىشى مۇرەككەپ بولۇپ ، دەل - دەرەخ ، ئوت - چۆپ ، ياۋا ئۆسۈملۈك مېۋىسى ، چۈمۈلە ، ھەرە ، بېلىق ، پاقا ، قۇش ، قۇش تۇخۇمى ، سۇغۇر ، چاشقان ، توشقان ، تۇياقلىقلارنىڭ بالىلىرى ۋە بىر قىسىم تاپلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ . ئۇنىڭ سۇغۇر ئۇۋىسىنى كولايدىغان ئادىتى بولۇپ ، ئادەتتە سۇغۇر كىرىپ كەتكەن ئۇۋىنى كولاپ سۇغۇرنى تىرىك تۇتۇپ ئوزۇق قىلىشنى ياخشى كۆرۈدۇ . پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئوزۇقلۇق مەنبەسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ، ھەتتا ئوخشاش ئورۇندا بولمىغان ئېيىقلارنىڭمۇ ئوزۇقلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ . ئورمانلىق ئىچى ۋە دەريا بويلىرىدا ياشايدىغان ئېيىقلارنىڭ بېلىق بىلەن ئوزۇقلىنىشى كۆپرەك بولىدۇ . قوڭۇر ئېيىقنىڭ ھەرىكىتى ئاستا ، ئەمما سۇ ئۈزەلەيدۇ ، دەرەخقە يامىشالايدۇ . لېكىن ، بۇ جەھەتتە قارا ئېيىققا يەتمەيدۇ .

        قوڭۇر ئېيىق پەقەت جۈپلىشىش (چېتىشىش) مەزگىلىدىلا ئەركىكى بىلەن چىشىسى بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ ، باشقا چاغلاردا ئاساسەن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ . ئىككى يىلدا بىر قېتىم تۇغىدۇ . تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆپىيىش مەزگىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئادەتتە 5– ، 7– ئايلاردا كۆپىيىدۇ . بوغاز مەزگىلى 180- 250 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ . بوغاز بولۇپ ئىككىنچى يىلى2– ، 3– ئايلاردا ئۇۋىسىدا1–3كېچە تۇغىدۇ ، كۆپىنچە ئىككىنى تۇغىدۇ . قوڭۇر ئېيىقنىڭ بالىسى بەك كىچىك بولۇپ ، يېڭى تۇغۇلغان بالىسى ئاران 500 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ . ئۇنىڭ جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ ،چىشىلىرى ئادەتتە ئۈچ ياشتىن كېيىن كۆپىيىشكە قاتنىشىدۇ . 30- 40 يىل ئۆمۈر? كۆرۈدۇ . بەزى ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلغان قوڭۇر ئېيىقنىڭ 50 يىل ئۆمۈر كۆرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرىلەرمۇ بار . قوڭۇر ئېيىق ئادەتتە بىرنەرسىلەرگە يولۇققاندا ئالدى بىلەن ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تىك تۇرىدۇ ، ئاندىن قاتتىق ۋارقىراپ شالىنى چاچرىتىدۇ . بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلىشى بولسا كېرەك. ئۇنىڭ مۇلايىملىق تەرەپلىرى بولغاچقا ، بەزى سېرك ئۆمەكلىرى ئۇنى كۆندۈرۈپ نومۇر كۆرسىتىدۇ . بۇ ھەقتە خەلقىمىز ئىچىدە ئېيىق بالا بېقىۋالىدۇ ، دەيدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار .

      جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى: ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىگە تارقالغان بۇ تۈرى تەڭرىتاغ كەنجى تۈرى (نېپال كەنجە تۈرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەڭرىتېغى ، ئالتۇنتاغ ، كوئىنلۇن تېغى ۋە پامىر ئېگىزلىكىگە تارقالغان . ئۇ تارقىلىش دائىرىسى نىسبەتەن كەڭرى ، لېكىن تۈر توپى سانى ئاز ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىرى . ئىچكى ئۆلكىلەردىن خېيلۇڭجياڭ ، چىڭخەي ، جىلىن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان . چەت ئەللەردە ئاسىيا ، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان .

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ