|

شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ ، گېئولوگىيىلىك مۇھىتى مۇرەككەپ بولۇپ،كان پەيدا بولۇش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى نۆۋەتتە تېپىلغان قېزىلما كان بايلىقى 138خىل(پۈتۈن مەملىكەتتە تېپىلغان (171خىل قېزىلما بايلىقنىڭ %80.7ىنى ئىگىلەيدۇ)،زاپىسى چارلاپ ئېنىقلانغان ھەمدە پۈتۈن رايوننىڭ قېزىلما بايلىقلار زاپىسى جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلگەن كان تۈرى 74خىل بولۇپ،كان چىقىدىغان ئورۇن 637 (نېفىت ، تەبىئىي گاز ، ئۇران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق زاپىسى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدىغانلىرى بەش خىل بولۇپ،مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 10–ئورۇندا تۇرىدىغانلىرى 41خىل ؛ غەربى شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدىغانلىرى 22 خىل ، 2–ئورۇندا تۇرىدىغانلىرى 20 خىل .
1998–يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، شىنجاڭنىڭ بارلىق قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ ئومۇمىي يوشۇرۇن قىممىتى 5 ترىليون 157 مىليارد 200 مىليون يۈەن (يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئىگە بولغان زاپاس مىقدارنىڭ 1990–يىلدىكى ئۆزگەرمىگەن باھاسى) بولۇپ ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 6–ئورۇندە تۇرىدۇ .1998–يىلى شىنجاڭدا ھەرخىل كانچىلىق كارخانىلىرىدىن 3215 ى بار(نېفىت ،تەبىئىي گاز كارخانىلىرىدىن سىرت)بولۇپ،قېزىلغان ھەرخىل قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ تۈرى 95 خىلغا ، ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەرخىل رۇدا خام ئەشيالىرى 84 مىليون 697 مىڭ 600 توننىغا ، مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليارد 65 مىليون 751 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى—75مىليارد 800 مىليون 570 مىڭ يۈەننىڭ % 26.47 نى ئىگىلەپ ، پۈتۈن رايوننىڭ كان قازمىچىلىق كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەمما ئاساسى ئاجىز بولغاچقا ،قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولماقتا.
|