باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى بايلىقى
2008- 04- 01 19:01 تەڭرىتاغ تورى

        شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى كۈن نۇرى چۈشۈشى بىر قەدەر مول بولغان رايونلارنىڭ بىرى ، يىللىق ئومومىي كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2470~3380سائەت بولۇپ ، شەرقتىن غەربكە قاراپ ئازىيىپ بارىدۇ ، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى شىمالىي قىسىمدا جەنۇبىي قىسىمغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ . ئىككى چوڭ ئويمانلىقنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە ھەر بىرسىدە بىردىن تۆۋەن قىممەتلىك رايون بار بولۇپ،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە 2700سائەتتىن ئاز، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە 2600سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ، شىمالىي ئېتىكىدە، ئويمانلىقتىن تارتىپ تاغلىق رايونلارغىچە يىللىق كۈن نۇرى چۈشىدىغان كۈن سانى ئېگىزلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىپ بارىدۇ؛ كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بولسا ،ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپئېشىپ بارىدۇ..تۈرلۈك زىرائەتلەر ئۆسۈپ يېتىلىشتە ، قۇياش رادىئاتسىيىسىدىن ئېنېرگىيىگە ئېرىشىدۇ . دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 380~710مكرومىللىمېتىې بولغان كۆرۈنىدىغان يورۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتىزلىق رولى جەريانىدا، خلوروفىل تاللاپ قوبۇل قىلىدىغان قىسىمدۇر. بۇ بىر قىسىم قۇياش رادىئاتسىيىسى فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە بىر قەدەر مول بولۇپ ، جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭدا يىلىغا 2700~ 3100 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتىر بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭدا بولسا يىلىغا 2500~ 2800 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتىر بولىدۇ . ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بەلگىلىك تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. پەقەت ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى ئىچىدىلا فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتورا≧℃10 بولغاندا فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ . كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتورا ≧℃10 بولغان مەزگىلدىكى فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدا 1900~ 2000 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتىر ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بولسا  200~2300 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي ئېتەكلىرىدە  بولسا 2500 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتىر؛ شەرقىي قىسمىدا 2600~2700 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتىر،كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە 2600 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتى،  شەرقىي شىنجاڭدا بولسا 2500~2700 مېگاجوئۇلكۋادرت مېتىر بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ