|
بۇ يورۇقلۇق ، ئىسسىقلىق ، سۇپارى ، شامال قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئون چوڭ دۆلەت زېمىنى بايلىق مەنبەسىنىڭ بىرى ، باشقا تەبىئىي بايلىقلارغا ئوخشاشلا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە ۋە ئېنېرگىيىگە ئېرىشىشىدىكى مۇھىم مەنبە . شىنجاڭدا مول يورۇقلۇق ،ئىسسىقلىق بايلىقى بار. يىللىق قۇياش رادىئاتسىيەسىنىڭ ئومومىي مىقدارى 5000~6600مېگاجوئۇل∕ كۋادرت مېتىر بولۇپ ، چىڭخەي –شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن قالسىلا 2–ئورۇندا تۇرىدۇ، پۈتۈن يىلدا شىنجاڭغا يېتىپ كېلىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئېنېرگىيىسى "10× 3.2توننا ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈردىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىگە تەڭ كېلىدۇ. يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2550~3500سائەت بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ . كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتورا℃10 بولغان جۇغلانما تېمپېراتورا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ℃2800~℃5400بولىدۇ ، تۇرپاندا℃5500قا يېتىدۇ.
قىروسىز مەزگىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا180~220كۈن ، شىمالىي شىنجاڭدا140~185كۈن. ئەمما ئىسسىقلىق مىقدارى مۇقىم ئەمەس ، يىللار ئارا ئۆزگىرىشى چوڭ ، ئەتىياز، كۈز پەسىلىرىدە ئىسسىق ، سوغۇق ئۆزگىرىشى كەسكىن بولىدۇ . شىنجاڭ قۇرغاق رايون بولۇپ ،نەملىك بايلىقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس ، ئەمما بىر قەدەر مۇقىم . يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى شىمالىي شىنجاڭدا150~250مىللىمېتىر ئەراپىدا،جەنۇبىي شىنجاڭدا 100مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، تاغلىق رايونلاردىكى ھۆل–يېغىن مىقدارى ئويمانلىقلاردىكىدىن كۆپ بولۇپ،يىللار ئارا ئۆزگىرىشىمۇ كىچىك بولىدۇ.ئۇ شىنجاڭدىكى دەريا سۇلىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى .شىنجاڭدا مول شامال ئېنىرگىيىسى بايلىقى بار بولۇپ، ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى يوشۇرۇن كۈچىمۇ زور، يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنىرگىيىسى 300~1500كىلوۋات سائەت/كۋادرات مېتىر ئارلىقىدا بولۇپ ، يىللىق شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ساقلىنىش مىقدارى 30تىرلىيون كىلوۋات سائەت ئەتراپىدا .
|