|

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئۇ، شىنجاڭدىكى مىللىيچە سودا مال سېتىۋېلىش مەركىزى، شىنجاڭنىڭ مىللىيچە قول ھۆنەر- سەنئەت سودا مەركىزى ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى نامايەن قىلىش مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەركىزى، مىللىيچە ئۈستى ئۇچۇق بازاردىن ئىبارەت 5 قۇرۇلۇش توپىدىن تەشكىللەنگەن. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئىسلام قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا قارىتا:‹‹ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئىسلام مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان زامانىۋىي يەرمەنكە سارىيى شۇنداقلا تارىخىي موزىيى›› دەپ باھا بەرگەن.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىدىن 6 مىڭ 100 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان زىياپەت زالى؛ 8 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مېزىلىك تائاملار مەيدانى؛ 3 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، 600 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىنا سىرتىدىكى نومۇر ئورۇنداش مەيدانى؛ 80 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش مۇنارى بار؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەسجىد ۋە ئۈستى ئوچۇق چوڭ تىپتىكى سەھنە بار. بۇ جاي شىنجاڭنىڭ سودا ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللەپ روناق تاپقانلىقىنىڭ سىموۋۇلى شۇنداقلا مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەنزىرە قۇرۇلۇشى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىقتىدارى ۋە دەۋر تۈسىنى ئالغان ئاساستا، قەدىمىي يېپەك يۇلىنىڭ ئاۋاتلىقىنى قايتا نامايەن قىلىپ، قويۇق غەربىي رايون مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن رايون مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كىشىلەر: دۇنيادا ئىككى چوڭ خەلقئارا بازار بار. بۇنىڭ بىرى تۈركىيىدىكى چوڭ بازار. بۇ بازار ياۋرۇپا ۋە غەربىي ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن؛ ھالبۇكى جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن- دېيىشىدۇ. ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولىشىچە: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارىغا كېلىدىغان كۈندىلىك مېھمان 100 مىڭ ئادەم- قېتىمغا يېتىدىكەن. شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا سودا شەھەرچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ سودا پائالىيىتى ئەتراپتىكى 7 دۆلەتكە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئەلئارا نەق مەيدان توپ ۋە پارچە سېتىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان بولغاچقا، چوڭ بازاردا مال توپ سېتىش بازىرىدىن بىر قانچىسى ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن.

چوڭ بازارنىڭ تەرەققىياتى ئەگىشىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سودا مەركىزى تەدرىجىي بارلىققا كەلگەن. چوڭ بازاردا يەنە تۈرلۈك ئاز سانلىق مىللەت مەھسۇلاتلىرى بار. ئالايلۇق جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەت تۈسىنى ئالغان يېڭىسار پىچىقى، قاشتېشى، سۈپەتلىك تۈركىيە گىلەملىرى، قەدىمىي تۈسنى ئالغان پاكىستان مىس بويۇملىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن داڭلىق تاۋارلار بۇ يەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، خەلقئارادا مودا بولىۋاتقان كېيىم- كېچەك، ئاياغ- باش كېيىملىرى، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، تېلېگراف مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ ھەممىسى بار. بۇ زامانىۋىي مودا ئىستىمالىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان چوڭ سورۇننى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا شەھەرچىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر سودىلىشىدىغان كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا شەھەرچىسىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇپ قالدى.
|