باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى
2008- 01- 04 16:21 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى 1976- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنوبىدىن تەخمىنەن 10 كىلومېتىر يىراقلىققا، تۇرپان شەھىرىنىڭ چاتقال يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن 76مېتىردىن 96 مېتىرغىچە تۆۋەن، كۆلىمى 34 گېكتار كېلىدۇ.

    

        قۇم ۋە قۇملۇق تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ھەمدە تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ مەھسۇلى. مۇھىت قۇرغاقلاشقاندا قۇملۇق كۆپىيىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ياشايدىغان ماكانى تارىيىدۇ. شىنجاڭدا يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى، نوپوسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇملۇقلار كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. قۇملىشىش بارغانسېرى كۈچەيدى. نەتىجىدە ئىنسانلار ياشاشقا بولىدىغان ماكان ئەمەلىيەتتە تارىيىشقا قاراپ يۈزلەندى.

       تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردىكى ھەر تۈرلۈك ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى يىغىشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك، پەن- تەتقىقات، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلغان؛ قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردا ئۆسۈدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرىدىغان ، قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى تەتقىقات بازىلىرىنىڭ بىرى. مەخسوس تۈر باغچىلىرىدىن: قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى كلاسفىكسىيە ئەۋرىشكىخانىسى، مىللىي دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر كۆچەتزارلىقى، يۇلغۇنلۇق باغچىسى قاتارلىقلار بار. ‹‹ 9 - بەش يىللىق›› پىلان مەزگىلىدە قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردىكى ئاز ئۇچرايدىغان، ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدىكى ئۆسۈملۈكلەر رايونى، قۇرغاق قۇملۇقلاردا ئۆسىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر رايونى ۋە ئەتىۋارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى رايونى تەسىس قىلىنغان.

      قۇملۇق باغچىسىدا قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار قۇملۇق تەتقىقاتى بىلەن قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشىنى ئۆز- ئارا زىچ باغلاپ تۇرىدۇ. باغچىدا يەنە يېڭى مەنزىرلىك ساياھەت ئورنى يىراقتىن كۆرسىتىش پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى خېلى بۇرۇنلا چۆللۈك شامال يالانمىلىرىدىن شەكىللەنگەن كۆچمە قۇم بارخانىلىرى ھازىر باراقسان ئۆسۈۋاتقان پېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلاندى. بۇ يەر تەبىئىي مەنزىرە بىلەن سۈنئىي مەنزىرە بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىلى، شۇنداقلا تۇرپاندىكى دېھقانلار ۋە پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە بەرپا قىلغان قۇملۇقتىكى يېشىل بوستانلىق بولۇپ قالدى.

      باغچىدا تۇر كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك 500گە يېقىن بولۇپ، 72 ئائىلە، 247 ئۇرۇقداشقا تەۋە، بۇنىڭ ئىچىدە 43 تۈر قۇملۇقلاردىكى ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدىكى ئۆسۈملۈك ھېساپلىنىدۇ.

      مەزكۇر باغچا ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى مۇۋاپىق ئاساستا بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇردىغان ئورمان بەرپا قىلىشنى خېلى بۇرۇنلا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ پايدىلاندى. ئۇرۇق چېچىپ كۆچەت يىتىشتۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنى جانلاندۇرۇپ خېلى كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.

     ھازىر، قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قۇملۇق باغچىسىغا ئايلاندى. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى گۈزەل، ئورمانلار ئاسمانغا بوي سوزۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ مۇھىتنى قوغدىشىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىدۇر. بۇ جاينىڭ قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنى تەجرىبە قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقارادىكى پەن- تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كۈچلۈك ئاساس سېلىنماقتا. تۇرپان ئۆسۈملۈك باغچىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن ئېكىسكورسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن ئالىم مۇتەخەسسىسلەرنى كۈتۈۋالدى. ھەر يىلى بۇ ئۆسۈملۈك باغچىسىغا ئېكىسكورسىيە، ساياھەت، پىراكتىكىغا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ.
 
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ