|
تۇرپان دېسە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بويلۇق كېلىدۇ. ئۈزۈم تىلغا ئېلىنسىمۇ يەنە بۇيلۇقنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق بولۇشىغا بويلۇقنىڭ تۇرپان ساياھەتچىلكىدىكى كوزىرغا ئايلانغانلىقى، ئۈزۈمنى بۇيلۇق بىلەن بىرلىشىپ، مۇشۇ زېمىننىڭ ھەقداسى بولغان تۇرپانلىقلارنى مول نېمەتكە ئىگە قىلغانلىقى سەۋەپ بولغان. دېمىسىمۇ قۇرۇق تاغ ، يېشىل يوپۇرماق، راھەتبەخش ئېقىن، سۈپ- سۈزۈك سۇ، تاغ يامزىلىغا جايلاشقان دېھقان ئۆيلىرى، بۇ ئۆيلەردىكى قەدىمئىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىر گەۋدىلەشكەن تۇرمۇش ۋە ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادەتلەر دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى دېگەن شەرەپكە يېقىندىلا ئېرىشكەن بۇيلۇقنىڭ ساياھەتچىلەرنى ماگنىتتەك تارقىتىشىدىكى سېھرىي كۈچى ئىدى.
بۇيلۇق 1981- يىلى رەسمىي ساياھەت رايونى بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇننى ۋىلايەت يولغا قويغان‹‹ بىر قولدا ئۈزۈمچىلىكنى، يەنە بىر قولدا ساياھەتچىلىكنى تۇتۇش›› تەدبىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئابىدە دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ. يېقىنقى 10 يىلدىن، بولۇپمۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بويلۇقنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولدى. يەرلىكنىڭ يېقىندىن قوللىشى، سىرتتىن كېلىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشى، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئۈزۈم سەيلىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بويلۇقنىڭ دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تونۇشلۇق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تۇرپانغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بويلۇقنى كۆرمىسە تۇرپانغا كەلگەن ھېساپلانمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ساياھەت تارماقلىرى بويلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى قۇيۇق يەرلىك مەدەنىيەتنى قېزىش، ئۇنى تۇرپانلىقنىڭ كوزىر مەھسۇلاتى ئۈزۈم بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرۈشكە قاراتتى. ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئىجارىگە بېرىش، سېتىۋېتىش، قويۇۋېتىشتەك ئاكتىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ساياھەت بايلقىنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلەتتى. ساياھەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى. كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ساياھەت رايونى ئىچىگە جايلاشقان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى بېزەپ، ئائىلە ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇناسىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. 2006- يىلىدىن بۇيان ساياھەت رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ رايوندىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ قاتتىق، يۇمشاق دېتال قۇرۇلىشىنى ياخشىلاپ، ياشانغانلار مېيىپلار، بالىلاغا قولايلىق ھاسا ھارۋا، ھاجەتخانا، تازىلىق سايمالىرىنى قويدى. نۆۋەتچى ئاپتوبۇس تەسىس قىلدى. ساياھەت رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە كۆزنەك ئورۇنلارغا ئاپتوماتىك چۈشەندۈرۈش، نازارەت قىلىش سىستېمىسى، ئەرز- شىكايەت قىلىش مۇنبىرى، پاش قىلىش تېلېفونى ئورناتتى. ئاۋازلىق يول باشلاش مۇلازىمەتلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى. ۋېلسىپىت ئىجارىگە بېرىشتەك يېڭى تىجارەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى. باج، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ساياھەت رايونى ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 300 دىن ئارتۇق ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ساياھەتچىلەرنى يىلمۇ يىل كۆپەيتتى. ھەممە تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا بۇيلۇققا كەلگەن ساياھەتچىلەر بىر مىليون 300 مىڭ ئادەمدىن، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرلا 100مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. نۆۋەتتە، بويلۇق ساياھەت رايونىنىڭ مۇقىم مۈلكى 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بويلۇق تۇرپان ساياھەتچىلكىنىڭ داڭلىق ماركىسىغا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل ‹‹ 1- ماي›› ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكىدە بويلۇقتا ساياھەتتە بولغان فۇجىيەنلىك بىر خادىم مۇنداق دېدى: بويلۇق مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل ۋە سىرلىقكەن. مېنىڭچە مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەم ئۆمرىدە بۇ يەرنى بىرەر قېتىم كۆرمىسە ئارماندا قالغۇدەك.

بويلۇق تۇرپاننىڭ كۆزى. ئۈزۈم بىلەن جىلغا ئىچىدىكى سۈزۈك ئېقىن ، بۇلاقلار ، قىز كەبى ياسانغان ئۆيلەر، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئۆزۈمگە باغلىغان دېھقانلارنىڭ كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن مۇجەسسەم بولغان ھايات- تۇرمۇشى ساياھەتچىلەر ئاڭلىسا- ئاڭلىسا قانمايدىغان ناخشا، سېھىرلىك چۆچەك،‹‹ تۇرپانغا كەل›› ، ‹‹ بويلۇق باغلىرى›› دېگەن ناخشىلار ئۇنىڭ تۆگىمەس سېھرىي كۈچىنى يىراقلارغا ئېلىپ بارىدىغان سۇنماس قانات. بويلۇقنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق.
|