|
كۆكدالا - ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ‹‹ ياپ يىشىل دالا ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كۆكدالا ساياھەت باغچىسى قورغاس ناھىيىسى تەۋەسىدىكى چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ غەربىدىكى 64 - تۇەن - مەيدان بىلەن چىگرىلىنىدۇ. بۇ ساياھەت باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 30 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 68 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆكدالانىڭ يېرى مۇنبەت، سۈيى مول بولۇپ، يېشىل كىمخاپ يېپىنغان بۇ تۈپتۈز دالا كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، ئوتلاقلىرىدىكى ئوت - چۆپلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەمنىڭ تىزىدىن ئاشىدۇ.

كۆكدالا تىلغا ئېلىنسىلا تۆۋەندىكى ناخشا يەنى:
نېمانچە جىمجىت بۇ گۈزەل تۈن قوينى،
ياڭرايدۇ يايلاقتا مەن چالغان سازلار.
يىراقتىكى دىلبىرىمگە يوللىسام سالام،
بولمىغاچ پوچتاليون دىل ئەپسۇسلىنار.
بىپايان ۋادىدا ئېرىپ تۈگەر قار،
چوكانتال بىلەن تەڭ كېلەر نەۋ باھار.
ھۆسنىمۇ كۆكىرىپ بۇ كۆكدالانىڭ،
سازىمغا جانانىم تەڭ مەپتۇن بولار.
دېگەن ‹‹ يايلاق كېچىسى›› ناخشىسى ئىختىيارسىز ئادەمنىڭ ئېسىگە كېلىدۇ .
كۆكدالا 1990-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹شەرق سېرىناداسى ›› ئىچىدىكى ‹‹يايلاق كېچىسى ›› ناملىق ناخشا دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان جايدۇر .
كۆكدالا يايلىقى قەدىمكى مەشھۇر ئالمىلىق شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى پاسىل بىلەن تۇتۇشىدۇ. بۇ يەردە ھەيۋەتلىك جىلغا - جىرالار، مەشھۇر تاغلار كۆز ئالدىڭىزدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەر قەدىمكى ئۆرپ - ئادەتلەر بىلەن بىباھا. مەدەنىيەت تارىخىنىڭ چۆكمىلىرى كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. بۇ ئارامگاھنىڭ شىمالىي تەرىپىدە تەڭرىتاغلىرىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى قايغانتاغ تىزمىلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، جەنۇبىي تەرىپىدە مەشھۇر ئانا دەريا - ئىلى دەرياسى كۆۋەجەپ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارامگاھنىڭ چېتىدىكى قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرى - ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ئاجايىپ كاتتا مۆجىزە بولۇپ ، شەھەر راسا گۈللەنگەن دەۋردە ئايلانمىسى 25 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ شەھەردە كۆپ مىللەتتىن توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالە 300 مىڭغا يەتكەن بولۇپ ، بۇ مەشھۇر قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەتراپىدا سىرلىق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توققۇز شەھەر قەلئەسى ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، شەنىگە قۇت قوشۇپ تۇرغان. كۆز ئالدىڭىزدىكى 700 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن بۇ شەھەر ئەينى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا نام ئۇچرايدىغان شەھەر ئىدى.
كۆكدالا ئارامگاھىدا ‹‹ يايلاق كېچىسى ›› ناملىق ناخشا ئىجات قىلىنغان تۇرالغۇ ، ‹‹چىڭگىزخان كۆرگەزمە زالى›› ، ‹‹ چاغاتايخان كۆرگەزمە زالى›› ، ‹‹تۇغلۇق تۆمۈرخان كۆرگەزمە زالى›› ، ‹‹ جاھاننىڭ ھەممە جايلىرىدىن كەلگەنلەر كۆرگەزمە زالى›› ، ‹‹تارىخىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە زالى›› قاتارلىق كۆرگەزمە زاللىرى ئايرىم - ئايرىم ياسالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ باغچىغا يەنە دىئامېتىرى 20 مېتىر كېلىدىغان ئەڭ چوڭ بوز ئۆيدىن باشقا، بىر دۈگىلەك قەلئە، بىر تۆت چاسا قەلئە - مۇنار، سەككىز شىپاڭ، 19 بوز ئۆي ۋە بېلىق تۇتۇش كۆلى، ماتورلۇق لوتكا بىلەن سۇ ئۈستىدە مەشغۇلات قىلىش كۆلى، سايىۋەنلىك كارىدۇر ....... قاتارلىق سەيلى - ساياھەت مۇئەسسەسىلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ياسالغان.

‹‹ يايلاق كېچىسى›› ناملىق ئارامگاھ قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا، ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى بۇ دىيارنىڭ ئاجايىپ سىرلىق تۈس ئالغان ئۆتمۈشىنى ساياھەتچىلەرگە ئەينەن نامايەن قىلىش بىلەنلا قالماي، بۇ جاينىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىكى تىلسىمات بىلەن تولغان سەزگۈرەشتىلىرىنى ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ يەردە يەنە شەرق بىلەن غەرب مىلودىيىسى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ‹‹شەرق سېرىناداسى››نىڭ نەپىس، مۇڭلۇق ساداسى ئەكس ئېتىدىغان ‹‹يايلاق كېچىسى›› نى دەۋر قىلغان ھالدا ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئارامگاھقا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىكى كىشى كۆكدالا يايلىقىنىڭ سىرلىق، تىمتاس كېچىسىنى، بىپايان باغرىنى، ئىللىق قوينىنى كۆرۈپ چەكسىز ھۇزۇر ئالىدۇ. ئارامگاھ تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆز ئارا كىرىشتۈرگەن بولغاچقا، بۇ، غەربىي دىياردىكى گۇمانىتارلىققا ئىگە بىرىنچى كۆپ مەنزىرىلىك ساياھەت باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارامگاھنى بىرلا كۆرگەن كىشى ئىلىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ ھاياتىدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسراتلارغا ئىگە بولىدۇ. سىز بۇ يەردىكى قەدىمكى قەلئە ۋە راۋاقلارغا چىقىپ، قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرىنىڭ تەڭداشسىز شان - شەۋكەتلىرىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز، ئوتلاقلار ئارا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ياغاچ ئۆيلەرگە كىرگىنىڭىزدە مەشھۇر ئارشىت جاڭجيايىنىڭ جاھانغا مەشھۇر ئېتىز ناخشىسى ‹‹ يايلاق كېچىسى››نى ئىجاد قىلىش جەريانىدىكى تارتقان رىيازەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان شادلىقلىرىنىڭ مەنبەسى نېمە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپلا قالماي يەنە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆچمەس تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە خاس ئۆرپ - ئادەتلىرى، جۈملىدىن مىللىي ناخشا - ئۇسۇل، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ھۈنەر - سەنئەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتەلەيسىز. بۇ يەردىكى كۆللەردە لوتكىلار بىلەن كاراپتەك ئۈزۈپ سۇ ئۈستىدە پەيزى سۈرۈپلا قالماي، كۆلچەكلەردە قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇپ مېھنەتنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرالايسىز. مىللىيچە تائام، نازۇ - نېمەتلەردىن لەززەتلەنگەچ تۈن قاراڭغۇسىدىكى گۈلخان بەزمىسىگە ئىشتىراك بولۇپ، مەشرەپلەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ، كەڭ دالىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىدىن قانغىچە ھۇزۇر ئالالايسىز.
|