|
ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇمشۇق تاغ باغرىدا 2004- يىلى 10- ئايدا يېڭى بىر سەيلىگاھ - قازانبۇلاق داچا ئارامگاھى قەد كۆتۈردى. زۇمرەت سۇلىرى قىش- ياز ئېقىپ تۇرىدىغان، قويۇق ئورمانلىق ئارىسىدىكى بۇ ئارامگاھ ساپ ھاۋاسى، گۈزەل مەنزىرىسى، ئارامبەخش مۇھىتى، ساياھەت، سودا، يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئەۋزەل شارائىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. قازانبۇلاق داچا ئارامگاھىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 19 مىڭ 980 كۇۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1500 كۋادىرات مېتىر بولۇپ ، ئۇنىۋېرسال بىناسى، زىياپەت زالى، ساراي- ياتاق، سۇ ئۈستى ئايرىمخانىسى، تاغ قاپتىلى سەيلە راۋىقى قاتارلىق مۇلازىملىق سورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياتاق- سارايلارغا زامانىۋى تۇرمۇش ئۈسكىنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ياخشى ئارام ئالالايدۇ.
|