|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيىسى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ‹‹دۆلەت جۇغراپىيىسى ›› ژورنىلى يېقىندا 2007 - يىللىق ئون چوڭ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشنى باھالاپ چىققان . ئۇلار :

ۋېنتسىيە ئارىلىدا بايقالغان ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلگەن 10 مىڭلىغان ئادەم كۆمۈلگەن ئورەك

ئالىملار بايقىغان ئەنگىلىيە تارىخىدىكى گىگانت تاش تۈۋرۈكلەر بىلەن ياسالغان قىشلاق

مىسىردا بايقالغان ئەڭ داڭلىق ئايال فىرئەۋننىڭ مومياسى

ئامېرىكا ھۆججەتلىك فىلىمىدە ئېيتىلغان ئەيسا پەيغەمبەر بىلەن ئۇنىڭ خوتۇن - بالىلىرى بىرلىكتە دەپنە قىلىنغان قەبرە

رىمدا بايقالغان مۇقەددەس ئۆڭكۈر ‹‹بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا بۆرە››نىڭ ماكانى

ياپونىيە دېڭىز ئاستىدا بايقالغان غايەت زور پىرامىدا

ئىتالىيىدە بايقالغان ئەڭ قەدىمكى بىر جۈپلەر

ئارگېنتىنا تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلغان ئىنكالىق قىزچاقنىڭ مومياسى

مىسىردا بايقالغان 4000 يىل بۇرۇنقى ئەڭ مۇكەممەل قەدىمىي قەبرىستانلىق

ئىران تۇز كېنىدا بايقالغان تەبئىي موميا
|