باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>ساياھەت ئۇچۇرلىرى
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە
2007- 10- 31 12:45 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ھەر يىلى تۇرپانغا ھەرقايسى جايلاردىن نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر، ئېكىسپدىتسىيىچىلەر، تارىخشۇناسلار كېلىپ، قەدىمكى ئىزلارنى، گۈزەل مەنزىرىگاھلارنى كۆرۈپ، ئەمگەكچان، پاراسەتلىك، باتۇر ئەجداتلىرىمىزغا، ئۇلار ياراتقان قىممەتلىك قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بۈگۈنكى ۋارىسلىرىغا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

      كارىز، قەدىمكى شەھەرلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلىك قۇرۇلۇشلار تۇرپاننى مول قەدىمكى مەدەنىيەتكە ئىگە قىلغان بولسا، تۇرپاننىڭ بايلىق مەنبەلىرىنىڭ موللىقى، خەلقنىڭ ئەمگەكچان ۋە باتۇرلىقى ئۇنىڭ پارلاق ئەتىسىدىن دېرەك بېرىپ، ئۇنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە  كۆتۈرگەن. تۇرپاندا زاپىسى مول، سۈپىتى يۇقىرى بولغان ئالتۇن، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس قاتارلىق 60 نەچچە خىل كان بايلىقى بايقىلىپ، بۇ زېمىننى ‹‹ گۆھەر  زېمىن›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە قىلدى. تۇرپان ۋىلايىتى تۇرپاننىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىش، تۇرپانلىقلارنى تېخىمۇ بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي كۈچنى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراتتى. ھازىر تۇرپاندا 200دىن ئارتۇق ساياھەت نۇقتىسى، 5A دەرىجىلىك ساياھەت  نۇقتىسىدىن بىرى، مەملىكەتبويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن 12سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇندىن 30ى، مەدەنىيەت  يادىكارلىق ئىز- خارابىسىدىن 208 بار. تۇرپان ۋىلايىتى بۇ ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى. مول، سۈپەتلىك قېزىلما بايلىقلىرى ئارقىلىق ئىقتىسادى كۈچلۈك كارخانىلارنى تۇرپانغا مەبلەغ سېلىشقا جەلىپ قىلىپ، قەدىمدىن تارتىپلا سودا- سېتىق قىزىيدىغان بۇ ماكاننى تېخىمۇ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، يارغۇل، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەرلىرى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى تۇرپاننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرسە، قۇمتاغ مەنزىرىگاھى، بويلۇق، ئىدىقۇت تېغى مەنزىرە نۇقتىسى، قۇم ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى، ئۆرپ- ئادەت كەنتلىرى تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇلاسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

      ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى قەدىمكى قوچۇ خانلىقىنىڭ دۆلەت  قەبرىستانلىقى بولۇپ، قەبرىستانلىقتا نەچچە مىڭ يىللىق جەسەت ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان. بۇ قەدىمكى چوڭ قەبرىستانلىق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 14 قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك قىزىلىپ، 456 قەبرە  رەتلەندى. بۇ قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ رەتلەشتە، قەبرىلەردىن 1000غا يېقىن ئەسلى ھالىتى بىلەن قېتىپ قالغان جەسەت  بايقالدى. مىڭ نەچچە يىللىق جەسەتلەرنىڭ ئۆز ھالىتى بويىچە ساقلىنىشى، سانىنىڭ كۆپلۈكى دۇنيادا كەم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. شۇڭا بۇ قەبرىستانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ قوچو ئېلىنىڭ تارىخىي ئارخىپخانىسى، تۇرپاندىكى يەر ئاستى موزېيى›› دەپ ئاتالماقتا.

      تۇرپاندىكى تارىخىي ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشى، بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە ھاۋا كىلىماتىدىن بولغان. تۇرپان ئويمانلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېرى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەنلىك جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا  تۇرىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك شارائىتتىكى تۇرپاننىڭ ھاۋاسى باشقا جايلارغا  پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: قۇرغاق، بۇ خىل ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىت ئاسارە ئەتىقىلەرنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان. بۇ تۇرپاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا  دۇنياغا داڭلىق بولۇپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى.

      تۇرپان تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئۈزۈمنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ، ئۈزۈم تىلغا  ئېلىنغاندا تۇرپاننى  ئەسلىشىدۇ. تۇرپان بىلەن ئۈزۈمنىڭ تەقدىرى چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۈزۈم تۇرپاننىڭ يېشىل مەدەنىيىتىنى ياراتقان. تارىخچىلار تۇرپاندا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش 3000 يىل بۇرۇن باشلانغان دەپ قارايدۇ. خەن سۇلالىسى ئەلچىسى جاڭ چىيەنمۇ غەربىي يۇرتتىن ئۆتكەندە ئۈزۈمنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كەتكەن.

      ئۈزۈم تۇرپاننىڭ يەنە بىر ئىسمى، شۇنداقلا تۇرپاننىڭ چاقناپ تۇرغان ئالتۇن كارتىسى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇرپاننىڭ ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىشى غايەت زور  تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، قەدىمكى ئوبرازى بىلەن يېڭىلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ يېزا ئىگىلىك تۈرى ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن نامايەن قىلدى. تۇرپان بىلەن ئۈزۈم بىر- بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۈزۈم ۋە تۇرپاننى كۆرۈش ئىستىكىدە تۇرپانغا كېلىدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىلىپ كېلىۋاتقان ئۈزۈم ھازىر بىر مېۋىنىڭ ئىسمىلا بولۇپ قالماي، بىر داڭلىق ماركىغا ئايلاندى. ئۇنىڭغا دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تۇرپان ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر  ۋەزىپە يۈكلەندى.

       بارىڭىدا مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن ئۈزۈملەر، ياڭراپ تۇرىدىغان ناخشا- مۇزىكىلار، ئائىلە ساياھەت نۇقتىلىرى ئۈزۈمچىلىك كەسپىدە يەنە بىر يېڭى قاتلامنى پەيدا قىلدى. تۇرپان خەلقى ئۈزۈمنىڭ ھەسەلدەك تاتلىق تەمىنى ئەللەرگە تېتىتىش؛ تۇرپاننىڭ ساياھەت  كوزىرىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈزۈم سەيلىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئۈزۈمنىڭ شانۇ- شەۋكىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، ئۈزۈم سەيلىسى ئارقىلىق جوڭگودا ئۈزۈمنىڭمۇ بايرىمى بولۇشىنى ئاشقا ئاشۇردى. 

      يېپەك يولىدىكى گۆھەر زېمىن- تۇرپان ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى، مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ھەرقانداق بىر  سەيياھنىڭ كۆڭلىدىكى سېھىرلىك زېمىندۇر.

       40 يىل مۇقەددەم تۇرپان بىر  كىچىك بازار ئىدى، ئەمما ھازىرقى تۇرپان جەننەت  تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، يوللار كەڭرى، ئازادە، چىراغلار يۇلتۇزدەك يېنىپ تۇرىدۇ، زامانىۋى ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئىگىز بىنالار، ئاھالىلار ئولتۇراق رايونلىرى گۈلزارلىققا ئايلانغان، فونتانلاردىن مەرۋايىتتەك سۇلار ئوقچۇيدۇ، باغچىلاردا بالىلار قانماي ئوينايدۇ. مەشرەپ مەيدانى، ئۈزۈم بۇلاق، مۇزىكىلىق فونتان، ساياھەت- مەدەنىيەت مەيدانى كىشىلەرنىڭ ئارام چاغلىرىدىكى شادلىق باغچىسى. بۇ يەرلەردە يەنە چېنىقىش ئۈسكىنىلىرى تولۇق بولۇپ، ياشانغانلار بوش ۋاقىتلىرىدا كېلىپ چېنىقىدۇ. كەچلىك بازارلاردا ئېغىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرگۈدەك مەزىلىك پولۇ، لەغمەن، تونۇر كاۋاپ، زىخ كاۋاپ قاتارلىق يەرلىك تائاملارنىڭ ئېسىل پۇرىقى ئەتراپقا بىر كېلىدۇ.

      بۇ مەنزىرىلەرنى تۇرپاندىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەكچان، تىرىشچان تۇرپان خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ، جاپالىق ئىشلەپ ياراتقان. ھازىر كىشىلەر شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى قانغۇدەك تاماشا قىلىشىپ، كەچلىك بازارلاردا ھەر خىل تائاملارنى ئىشتىھا  بىلەن يېيىشىپ، باياشات تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالىدۇ. ھەر بىر تۇرپانلىقنىڭ چېھرىدە ئۆز يۇرتىدىن سۆيۈنۈش، ئىپتىخارلىنىش بالقىپ تۇرىدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ