باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
تۇقسۇن ساياھەتچىلىكىدىكى ‹‹ ئۈچ گۆھەر ››
2007- 09- 24 11:39 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇقسۇن ناھىيىسى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىگە زىچ ماسلىشىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قىسىم تارىخىي ئىزلار، مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتىلىرىنى ساياھەتچىلىكىنى ئېچىشتىكى يېڭى يۇرۇق نوقتىغا ئايلاندۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ سىستېمىسى تاش خەرىتىسى، قىيا تاش رەسىملىرى، پەنجىر تاغ قاتارلىق ئۈچ نوقتا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئۈچ ساياھەت نوقتىسىنىڭ ھەممىسىلا توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ 50 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق بازار كۆرجەيگە جايلاشقان بولۇپ، بىر- بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس. بۇ ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى، ئارخېئولوگ، تەتقىقاتچىلارنى جەلىپ قىلىپ، توقسۇن ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى يۇرۇق نوقتىسىغا ئايلانماقتا.

      ·سۇ سىستېمىسى تاش خەرىتىسى — ئۇزۇنلۇقى ئون نەچچە مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن توققۇز مېتىر كېلىدىغان، بىرىكمىسى بوش بىر قىيا تاشقا ئويۇلغان بولۇپ، ئارخېئولوگلار بۇ تاش خەرىتىنى تەخمىنەن 4000 يىلدىن 6000 يىلغىچە تارىخقا ئىگە دەپ بېكىتكەن. بۇ تاش خەرىتە نەچچە مىڭ يىللىق بوران- چاپقۇننىڭ ئۇپرىتىشى، كۈچلۈك قوياش نۇرىنىڭ چېقىشى نەتىجىسىدە يېرىلىپ، خېلى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ساقلىنىپ قالغان 40- 50كە يېقىن بۇلاقبېشى، ئېقىن سۇ، كۆلچەك ۋە تۈرلۈك قىياپەتتىكى ھايۋانات رەسىملىرىنى بىرمۇ- بىر ساناپ چىققىلى بولىدۇ. ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغىنى، تاشقا ئويۇلغان چوڭ- كىچىك ئېقىنلارنىڭ مەنبەسى، قوشۇلغان جايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۆلچەكلەرگە قويۇلۇپ، ئاخىرىدا چوڭراق ئېقىنلارنى ھاسىل قىلىش جەريانىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ، بىر تاش خەرىتە بولۇشتىن سىرت، يەنە ‹‹ قەدىمكى زامان سۇ سىستېمسى خەرىتىسى››، ‹‹ قەدىمكى زامان كارىز قۇرۇلۇش سىخېمىسى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

      ·قىيا تاش رەسىملىرى— غولنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىرغاقلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، پاكار تاغلارنىڭ ئۈستىدىكى تاشلارنىڭ تەكشى، سېلىق يۈزىگە چېكىلگەن، بۇ رەسىملەر ئەجدادلىرىمىز تۇتىم قىلغان ھايۋانلاردىن غۇلجا، ئارقار، تاغ تېكىسى قاتارلىق ھايۋانلار ۋە ھەر خىل تامغا، بەلگە- نىشانلاردىن تەركىب تاپقان. رەسىملەردىن ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل ھالەتتىكى تەسۋىرلىرىنى، ئوۋچىلىق كۆرۈنۈشلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. قىيا تاش رەسىملىرى جايلاشقان جىلغا قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، ئوت- چۆپى، سۈيى ئەلۋەك بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتى بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا مۇھىم پائالىيەت مەيدانى بولغان. بۇ رەسىملەر دەل ئەجدادلىرىمىز ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تەتقىقات قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      ·پەنجىر تاغ— تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى جىلغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان، شىددەتلىك بوران- چاپقۇن، يامغۇر- يېشىنلارنىڭ تەسىرىدە تاغ يۈزىدە ھاسىل بولغان ئاجايىپ- غارايىپ كاۋاكچىلار ۋە پەنجىرسىمان تۆشۈكچىلەرگە قاراپ موشۇنداق نام قويۇلغان. تاغنىڭ چوققىلىرى خۇددى ھەرە كۈنىكىدەك ئۆتمە- تۈشۈك بولۇپ كەتكەچكە، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغان.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ