باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭدىكى ئەڭ
شىنجاڭ ياۋائات تەتقىقات مەركىزى
2007- 09- 17 10:09 تەڭرىتاغ تورى

        شىنجاڭ ياۋائات تەتقىقات مەركىزىنىڭ يېقىندا ئاشكارلىشىچە ، بۇ يەردىكى ياۋا ئاتلارنىڭ سانى 290 گە يېتىپ ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ياۋائات تەتقىقات مەركىزىگە ئايلانغان .

      ھازىرقى پرژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ قۇرغاق ئوتلاقلىرى  يەر شارىدىكى ھازىرقى بىردىن بىر ياۋائات ماكانى بولۇپ ،پەقەت 1000 تۇياق ياۋائات قالغان ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى سانى مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئاز .

      ياۋا ئاتلار ئۆز ماكانىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يەتتى . ھازىر چەت ئەللەردە  پرژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆپىيىش نىسبىتى %12 ، ئەي بولۇش نىسبىتى %25  بولماقتا ؛ ھالبۇكى ، شىنجاڭدىكى بۇ ئىككى سان %63 ۋە %80 كە يەتكەن .


 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ